سەھىھ سۈننەت (رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ سەھىھ ھەدىسلىرى) مۇ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ۋەھىيدۇر. چۈنكى، ئاللاھ تەئالا سۈرە نەجىمدە مۇنداق دېگەن: «وَمَا يَنطِقُ عَنِ الْهَوَى {3} إِنْ هُوَ إِلَّا وَحْيٌ يُوحَى{4}»«ئۇ (يەنى رەسۇلۇللاھ) ئۆز نەپسى خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ{3} پەقەت ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان ۋەھيىنىلا سۆزلەيدۇ{4}».
ئەللامە شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھنىڭ «قۇرئاننى قانداق تەپسىرلەش كېرەك؟» دېگەن سوئالغا بەرگەن جاۋابىدىن ئېلىندى.
