«ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
ئىمام مالىكنىڭ يېنىغا بىر ئادەم كېلىپ: «ئەي، ئەبۇ ئابدۇللاھ! قەيەردىن باشلاپ ئىھرام باغلاي؟» دېۋىدى، ئىمام مالىك «رەسۇلۇللاھ ئىھرام باغلىغان يەردە، يەنى زۇلھۇلەيفەدە باغلا» دېدى.
ھېلىقى ئادەم: «مېنىڭ قەبرىنىڭ قېشىدىن (يەنى مەسجىدى نەبەۋىدىن) باشلاپلا ئىھرام باغلىغۇم بار» دېدى.
بۇنىڭغا جاۋابەن، ئىمام مالىك: «ئۇنداق قىلما! بولمىسا سېنىڭ پىتنىگە چۈشۈپ قېلىشىڭدىن ئەنسىرەيمەن» دېۋىدى، ئادەم: «بۇنىڭ قەيېرى پىتنە؟ بۇ پەقەت (بەلگىلەنگەن ئورۇندىن) يىراقتىنراق ئىھرام باغلىغانلىق ئەمەسمۇ؟» دېدى.
ئىمام مالىك: «رەسۇلۇللاھ ﷺ قىلمىغان بىر ئىشنى پەزىلەتلىك ئەمەل ساناپ قىلغان تۇنجى ئادەمنىڭ سەن بولۇپ قېلىشىڭدىنمۇ چوڭ پىتنە بارمۇ؟ مەن ئۇلۇغ الله نىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم (تەرجىمە مەنىسى) «پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار (مۇشرىكلىق، كۇفۇر، سىناق، مۇسىبەت، يەر تەۋرەش، قىرغىنچىلىق، زالىمنىڭ قولىغا قېلىش قاتارلىق) پىتنىلەرگە يولۇقۇشتىن، يا قاتتىق بىر ئازابقا دۇچار بولۇشتىن قورقسۇن} (سۈرە نۇر 63 – ئايەت). [خاتىب باغدادى «ئەلفەقىھ ۋە مۇتەفەققىھ» 1481؛ ئەبۇ نۇئەيىم «ئەلھىليە» 3266؛ بەيھەقى «ئەلمەدھال» 236؛ ئىبن بەتتا «ئەلئىبانە» 98]
[تەرجىماندىن ئىلاۋە: ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ مەزكۇر ئايەتتىكى «پىتنە» كەلىمىسى توغرىسىدا شۇنداق دېگەن:
ئىمام ئەھمەد «مەن قۇرئاندا 33 ئورۇندا رەسۇلۇللاھ صلى الله عليه وسلم گە ئىتائەت قىلىش توغرىلىق ئايەت كۆردۈم» دېگەندىن كېيىن مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇدى: ﴿پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار پىتنىگە يولۇقۇشتىن، يا قاتتىق بىر ئازابقا دۇچار بولۇشتىن قورقسۇن﴾ ۋە «بۇ ئايەتتىكى {پىتنە}نىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ پىتنە شېرىكتۇر. كىشى ئۇنىڭ (يەنى رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ) سۆزلىرىگە ئىتائەت قىلمىسا، قەلبىدە ئازغۇنلۇق پەيدا بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھالاك بولۇپ كېتىدۇ» دېگەن سۆزىنى تەكرارلىدى. ئاندىن مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇشقا باشلىدى: {(ئى مۇھەممەد!) رەببىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار ئۆز ئارىسىدىكى دەتالاشقا سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلمىغۇچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ} [سۈرە نىسا 65- ئايەت] .
وقال الإمام أحمد: نظرت في المصحف فوجدت فيه طاعة الرسول صلى الله عليه وسلم في ثلاثة وثلاثين موضعا ثم جعل يتلواجعل يتلو: {فَلْيَحْذَرِ الَّذِينَ يُخَالِفُونَ عَنْ أَمْرِهِ أَنْ تُصِيبَهُمْ فِتْنَةٌ} وجعل يكررها ويقول: وما الفتنة الشرك لعله أن يقع في قلبه شيء من الزيغ فيزيغ قلبه، فيهلكه وجعل يتلو هذه الآية: {فَلا وَرَبِّكَ لا يُؤْمِنُونَ حَتَّى يُحَكِّمُوكَ فِيمَا شَجَرَ بَيْنَهُمْ}
مەنبە: مرويات الامام احمد في التفسير برواية الفضل 810
