قىيامەتتە تاغدەك ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كېتىدىغان كىشىلەر

سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ «ئۈممىتىمدىن شۇنداق كىشىلەرنى بىلىمەنكى، ئۇلار قىيامەتتە تىھامە تېغىدەك ئاپپاق ياخشى ئەمەللىرى بار ھالدا كېلىدۇ. (لېكىن) ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە ئۇ ئەمەللەرنى ئۇچۇپ يۈرگەن توزاندەكلا بىكار قىلىۋېتىدۇ» دېۋىدى، سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئى رەسۇلۇللاھ، بىزنىڭ ئۆزىمىزمۇ بىلمەستىن شۇلاردىن بولۇپ قالماسلىقىمىز ئۈچۈن، ئۇلارنى بىزگە سۈپەتلەپ بەرسىلە ۋە بىزگە (ئۇلارنىڭ سۈپەتلىرىنى) تېخىمۇ كۆپ دەپ بەرسىلە» دېدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «بىلىپ قېلىڭلاركى، ئۇلار سىلەرنىڭ قېرىنداشلىرىڭلاردۇر ۋە سىلەر بىلەن بىر ئىرقتىندۇر. ئۇلارمۇ سىلەردەكلا كەچ قىلىدۇ. بىراق، ئۇلار ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسە بىلەن يالغۇز قالسا، ئۇ ھارام ئىشنى قىلغانلاردۇر».
ئىمام ئەلبانى: سلسلة الأحاديث الصحيحة 505 – نومۇر

عَنْ ثَوْبَانَ، عَنِ النَّبِيِّ ـ صلى الله عليه وسلم ـ أَنَّهُ قَالَ ‏:‏ ‏”‏ لأَعْلَمَنَّ أَقْوَامًا مِنْ أُمَّتِي يَأْتُونَ يَوْمَ الْقِيَامَةِ بِحَسَنَاتٍ أَمْثَالِ جِبَالِ تِهَامَةَ بِيضًا فَيَجْعَلُهَا اللَّهُ عَزَّ وَجَلَّ هَبَاءً مَنْثُورًا ‏”‏ ‏.‏ قَالَ ثَوْبَانُ ‏:‏ يَا رَسُولَ اللَّهِ صِفْهُمْ لَنَا جَلِّهِمْ لَنَا أَنْ لاَ نَكُونَ مِنْهُمْ وَنَحْنُ لاَ نَعْلَمُ ‏.‏ قَالَ ‏:‏ ‏”‏ أَمَا إِنَّهُمْ إِخْوَانُكُمْ وَمِنْ جِلْدَتِكُمْ وَيَأْخُذُونَ مِنَ اللَّيْلِ كَمَا تَأْخُذُونَ وَلَكِنَّهُمْ أَقْوَامٌ إِذَا خَلَوْا بِمَحَارِمِ اللَّهِ انْتَهَكُوهَا ‏”‏ ‏.‏