ئىمام بۇخارى ئەنەس ئىبنى مالىكتىن پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ئۆلگەن كىشىگە ئۇنىڭ بالىۋاقىلىرى، پۇل – ماللىرى ۋە ئەمەللىرىدىن ئىبارەت ئۈچ نەرسە (تاكى ئۇنىڭ قەبرىسىگىچە) ئەگىشىپ بارىدۇ. (بۇ ئۈچ نەرسىدىن) ئۇنىڭ بالا – چاقىلىرى ۋە پۇل – مېلى قايتىپ كېتىدۇ، ئەمەل – ئىبادەتلىرىلا ئۇنىڭ بىلەن قېلىپ قالىدۇ».
بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم، تىرمىزى ۋە نەسەئى قاتارلىق ئىماملارمۇ شۇنداق رىۋايەت قىلدى.
“ئىبنى كەسىر تەپسىرى” ئۇيغۇرچىسى سۈرە تەكاسۇرنىڭ تەپسىرىدىن ئېلىندى.
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا – ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە – پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.
