بۇ ئىككى خىل ھورۇنلۇقنىڭ بىرىنى تەنقىدلەپ، يەنە بىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ.
پەيغەمبىرىمىز ﷺ ئاللاھقا سېغىنىپ پېقىرلىقتىن پاناھ تىلىگەن. دېمەك، پېقىرلىق ھەرگىز ئارزۇ قىلىنىدىغان ھالەت ئەمەس، شۇڭا بەندە ئۆزىنى ۋە ئائىلىسىنى پېقىرلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، ماددىي شارائىتلىرىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ھالال رەۋىشتە چامىسىنىڭ يېتىشىچە تىرىشىشى كېرەك.
بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، تىرىكچىلىك قاتارلىق دۇنياۋى مەسىلىلەردىكى ھورۇنلۇقنىڭ ئەيىبلىنىدىغانلىقى تالاش – تارتىشسىزدۇر.
ھالبۇكى، زامانلاردىن بېرى دۇنياۋى مەسىلىلەردىكى ھورۇنلۇق تۈرلۈك شەكىللەردە ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتىدۇ ۋە بۇ جەھەتتىكى تەنقىدىي پىكىرلەر كىشىلىرىمىز تەرىپىدىن «يوللۇق» دەپ قارىلىپ، لايىقىدا قوبۇل قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ توغرا ئەھۋال.
لېكىن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قۇرئان – ھەدىس ۋە ساغلام دىنىي كىتابلارنى ئوقۇغىلى، ئۆگەنگىلى ئۇنىماسلىق، دىنىي ئەھۋالنى ياخشىلاشقا لايىقىدا ۋاقىت – زېھىن ئاجراتماسلىقتىن ئىبارەت «دىنىي ھورۇنلۇق»قا قارىتا پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا، بۇ گەپلەر ئاساسەن قۇلاققا خۇشياقمايدىغان، ھەتتا بۇ پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىغا «ئاشقۇن»، «خىيالىي»، «تەركىدۇنيا» دېگەندەك قالپاقلار كىيدۈرۈلىدىغان ھالەت مەۋجۇت.
ئەمەلىيەتتە، دۇنياۋى ھورۇنلۇقتىن قانداق ساقلىنىش كېرەك بولسا، دىني ھورۇنلۇقتىن ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە كۆپ ھەزەر ئەيلەش كېرەك بولىدۇ. چۈنكى، دىنىي ھورۇنلۇق بىزنى بۇ دۇنيادىكى ۋاقىتلىق بەختسىزلىككىلا ئەمەس، ئاخىرەتتە ئەبەدىي بەختسىزلىككە مۇپتىلا قىلىدۇ.
شۇڭا، دۇنياۋى ئەھۋالىمىز ياخشىلانغان ھامان ھەممە ئىشىمىز پۈتكەندەك ھېس قىلىۋالماي، دىنىي ئەھۋالىمىزنى ياخشىلاشقىمۇ ھەركۈنى لايىقىدا ۋاقىت – زېھىن ئاجرىتايلى. دۇنياۋى ھورۇنلۇقنى يامان كۆرگەندەك، دىنىي ھورۇنلۇقنىمۇ يامان كۆرەيلى، ئۇنىڭدىن ساقلىنايلى!
