ئەللامە شەيخ سەئىد خەسلان | ئۆمرە قىلىش جەريانىدا رەسىم – ۋىدىيو تارتىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

سوئال: مەككە – مەدىنىگە بېرىپ، ئۆمرە ۋە باشقا ئىبادەتلەرنى ئادا قىلغان، ئاندىن شۇ ئىبادەتلەرنى قىلىش جەريانىدا ئۆزىنى رەسىم – ۋىدىيوغا تارتىپ، شۇ رەسىم – ۋىدىيولارنى ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغا يوللىغان كىشى ھەققىدە مۇنداق سوئال بار:

ئىبادەت جەريانىدا رەسىم – ۋىدىيوغا تارتىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ بۇنداق قىلىش كىشىنىڭ ئىبادەتتىكى نىيىتىنى نۇقسانلىق قىلىپ قويمامدۇ؟

ئەللامە شەيخ سەئىد خەسلاننىڭ جاۋابى:

ئىنساننىڭ ئۆمرە، ھەج ياكى باشقا ئىبادەت جەريانىدا ئۆزىنى رەسىم ياكى ۋىدىيوغا تارتىشى رىيا ۋە شۆھرەتۋازلىقنىڭ بىۋاسىتە سەۋەبلىرىدىندۇر. بۇ ھەتتا كىشىنىڭ (شۇ ئىبادەتتىن ئالىدىغان) ئەجىر – ساۋابىنى تامامەن بىكار قىلىۋېتىشىمۇ مۇمكىن.

ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە ھەدىس قۇددۇسىيدا مۇنداق دېگەن: 

«‌مَنْ ‌عَمِلَ ‌عَمَلًا ‌أشْرَكَ ‌فِيهِ ‌مَعِي ‌غَيْرِي ‌تَرَكْتُهُ ‌وَشِرْكَهُ»

«كىم قىلغان بىرەر ئەمەلىدە ماڭا باشقىسىنى شېرىك كەلتۈرسە، ئۇنى ئاشۇ شېرىكىگە تاشلاپ قويىمەن (يەنى ئۇنىڭغا قىلغان ئاشۇ ئەمەلىدە ھېچقانداق ئەجىر بەرمەيمەن)» [ئىمام مۇسلىم توپلىغان]

مۇسۇلماندىن تەلەپ قىلىنىدىغىنى ئىبادەتلىرىنى مۇمكىنقەدەر يوشۇرۇشتۇر. ئاللاھ تەئالا سەدىقە توغرىسىدا مۇنداق دېگەن:

{إِن تُبْدُوا الصَّدَقَاتِ فَنِعِمَّا هِيَ ۖ وَإِن تُخْفُوهَا وَتُؤْتُوهَا الْفُقَرَاءَ فَهُوَ خَيْرٌ لَّكُمْ}

{سەدىقىنى ئاشكارا بەرسەڭلار، بۇ ياخشىدۇر، ئەگەر ئۇنى مەخپى بەرسەڭلار ۋە يوقسۇللارغا بەرسەڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر} [بەقەرە سۈرىسى 271 – ئايەت]

سەدىقە جەھەتتىكى كۆرسەتمە شۇنداق بولغانىكەن، مۇسۇلمانلار بارچە ئىبادەتلىرىدە تاقىتىنىڭ يېتىشىچە ئۆز ئىبادەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ھېرىسمەن بولۇشى كېرەك. بۇنداق قىلىش ئىخلاسقا تېخىمۇ يېقىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئەجىر – ساۋابى تېخىمۇ كاتتىدۇر. 

لېكىن، ئىنسان قاچانىكى بىرەر ئىبادەتنى قىلغاندا، ئۆزىنى رەسىمگە تارتىپ بۇنى كىشىلەرگە يوللاپ يۈرسە، بۇ باشقىلارغا رىيا قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. ئۇ بۇنداق قىلىش ئارقىلىق، گويا: «ماڭا قاراڭلار، مەن مۇنداق ئىبادەتلەرنى قىلىۋاتىمەن» دەۋاتقاندەك بولىدۇ. بۇنداق قىلغۇچى رىيا قىلىپ ناماز ئوقۇغان، ياكى رىيا قىلىپ روزا تۇتقان كىشىگە ئوخشايدۇ. رىيا قىلىپ ناماز ئوقۇغان ياكى روزا تۇتقان كىشى بىلەن تاۋاپ ياكى سەئيى قىلىپ، ئۆزىنىڭ رەسىم – ۋىدىيولىرىنى باشقىلارغا يوللىغان كىشىنىڭ ئارىسىدا پەرق يوق. بۇ رىياغا ئېلىپ بارىدىغان بىۋاسىتە سەۋەبتۇر.

كىشى بۇ ئارقىلىق رىيانى مەقسەت قىلمىغان تەقدىردىمۇ، بۇ رىياغا ئېلىپ بارىدىغان بىۋاسىتە سەۋەبتۇر. شۇ ۋەجىدىن، مۇسۇلمان ئىبادەتلەر جەريانىدا رەسىم – ۋىدىيو تارتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

بۇنىڭدىنمۇ ھەيران قالارلىقى شۇكى، بەزىلەر تاۋاپ جەريانىدا كىشىلەر بىلەن تېلېفون پاراڭلاشقاچ، ئۆزىنى ۋىدىيوغا تارتىدىكەن. سبحان الله، گويا ئۇ رەسىم – ۋىدىيوغا چۈشۈش ئۈچۈن كەلگەندەكلا. ئەسلىدە ئۇ بۇ يەرگە پەقەت ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا كەلگەن ئىدى.

شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇسۇلمانلار، جۈملىدىن ھەج ۋە ئۆمرە قىلغۇچىلار بۇ ئىشنىڭ خەتىرى ھەققىدە، بۇنداق قىلىشنىڭ ئەجىر – ساۋابنى بىكار قىلىۋېتىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلۇشى كېرەك. مۇسۇلمان ئۆز ئىبادەتلىرىدە چوقۇم ئىخلاسقا، ئىبادەتلىرىنى مۇمكىنقەدەر يوشۇرۇشقا، ئۇلارنى كۆرسەتمەسلىككە ۋە سۈرەت – ۋىدىيوغا ئالماسلىققا قاتتىق كۈچىشى كېرەك. مۇسۇلماندىن تەلەپ قىلىنىدىغىنى ئەنە شۇدۇر.

مەنبە: https://www.youtube.com/watch?v=je1cjw2WgKg