ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رضي الله عنه مۇنداق دېگەن: مەن پەيغەمبەر ﷺ دىن «قايسى ئەمەل الله قا ئەڭ سۆيۈملۈك؟» دەپ سورىغانىدىم، ئۇ: «ۋاقتىدا ئوقۇلغان ناماز» دېدى، مەن «ئۇنىڭدىن قالسىچۇ؟» دەپ سورىۋىدىم، ئۇ «ئاتا – ئانىغا ياخشىلىق قىلىش» دېدى، مەن «ئاندىن قايسى؟» دېسەم، ئۇ «الله يولىدا جىھاد قىلىش» دېدى.
سەھىھۇل مۇسلىم 151 – ھەدىس.
ھەدىستىكى «ۋاقتىدا ئوقۇلغان ناماز» خۇپتەندىن باشقا تۆت ۋاق نامازنى ۋاقتى كىرگەن ھامان دەسلەپكى ۋاقتىدا ئوقۇشنى; خۇپتەننى بولسا، جامائەتتىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپى بولمىسا (يەنى جامائەت بولۇپ ئوقۇش ئىمكانىيىتى بولسا) كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرىگىچە كېچىكتۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.
