ھامىلىنىڭ ئوغۇل – قىز ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن تەكشۈرتۈشكە بولامدۇ؟ ھامىلىنىڭ ئوغۇل – قىزلىقى جەزملەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ جىنسىنىڭ ئۆزگىرىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىشقا بولامدۇ؟

مەشھۇر ئەھلى سۈننەت پەتىۋا تور بېتى «ئىسلام تورى»دىكى 231400 – سوئال. «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.

سوئال: مەن ئۆزۈمنىڭ ھامىلدار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ، ئاللاھنىڭ بۇ نېمىتى ئۈچۈن ئاللاھقا كۆپ ھەمدۇ ئېيتتىم. لېكىن، شۇنىڭدىن كېيىن ئوي – خىيالىم ھامىلىنىڭ ئوغۇل – قىزلىقىنى بىلىشتىلا قالدى. شۇنىڭ بىلەن، مەن ھامىلدارلىقنىڭ 16 – ھەپتىسىدە، كەسپتە پىشىپ يېتىلگەن بىر مۇتەخەسسىسكە كۆرۈندۈم. ئۇ ماڭا قورسىقىمدىكى بالىنىڭ قىز ئىكەنلىكىگە توقسان پىرسەنت جەزم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن ئاللاھقا شۈكرۈمنى بىلدۈردۈم. لېكىن، كۆڭلۈمدە ئوغۇل تۇغقۇم بار ئىدى. بۇ ھەرگىزمۇ ئوغۇلنى قىزدىن ئارتۇق كۆرگەنلىكىمدىن ئەمەس، بەلكى ئىزچىل بىر ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇلاپ كەلگەنىدىم. بىر كۈنى مەن دۇئانىڭ تەقدىرنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىنى ئوقۇدۇم. شۇنىڭ بىلەن، مەن ئاللاھقا دۇئا قىلىش ئۈچۈن، تەھەججۇد نامىزى ئوقۇشقا، ئىستىغفار ئېيتىشقا، بەقەرە سۈرىسىنى ئوقۇشقا كۈچىدىم. بۇ قىلغانلىرىم دۇرۇسمۇ؟ مەن ئاللاھنىڭ مەن ئۈچۈن تەقدىر قىلغىنىغا رازىمەن. لېكىن، مېنىڭ بۇنداق قىلىشىم (يەنى دوختۇر ھامىلىنىڭ قىز ئىكەنلىكىنى ئېيتقاندىن كېيىن، ھامىلنىڭ ئوغۇلغا ئۆزگىرىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىشىم)دىكى سەۋەب شۇكى، ئاللاھ ھەممىگە قادىردۇر. ئاللاھ بىرەر نەرسىنىڭ بولۇشىنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا «بول» دېسە، ئۇ نەرسە شۇ ھامان ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. ھەر بىلىملىك كىشىنىڭ ئۈستىدە ئۇنىڭدىنمۇ بىلىملىك زات باردۇر. ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر.

جاۋاب:

بارچە ھەمدۇ – سانا ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھنىڭ ماختىشى ۋە ئامان – ئېسەنلىك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدكە، ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە، جۈملىدىن ئۇنىڭ ساھابىلىرىگە بولغاي.

مەقسەتكە كەلسەك:

سىزنىڭ نوقۇل ھالدا ھامىلىنىڭ ئوغۇل – قىزلىقىنى بىلىش ئۈچۈن دوختۇرغا كۆرۈنىشىڭىز دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى، بۇ ھاجەتسىز ۋە زۆرۈرىيەتسىز ھالدا ئەۋرەت بولغان جايلارنى ئېچىشنى تەقەززا قىلىدۇ. ئەگەر ھامىلىنىڭ قىز ئىكەنلىكى جەزملەشتۈرۈلگەن بولسا، ھامىلىنىڭ جىنسىنىڭ ئۆزگىرىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىشىڭىزمۇ دۇرۇس بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ دۇئادا چەكتىن ئاشقانلىق ھېسابلىنىدۇ.