ھامىلدار ئانىنىڭ بالىسىنى ئېمىتىشى شەرىئەتتە دۇرۇس

ھامىلدار ئانىنىڭ بالىسىنى ئېمىتىشى شەرىئەتتە دۇرۇس، تىببىي جەھەتتىن چەكلەنمىگەن

دۇنياغا مەشھۇر ئەھلى سۈننەت پەتىۋا تور بېتى «ئىسلام تورى»دىكى 25981 – نومۇرلۇق پەتىۋا، «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.

سوئال: ھامىلدار ئانىنىڭ بالىسىنى ئېمىتىشىنىڭ ھۆكمى نېمە؟ مېنىڭ بالام بىر ھەپتىدىن كېيىن يەتتە ئايلىق بولىدۇ، مەن ھازىر ھامىلدارلىقنىڭ ئىككىنچى ئېيىدا تۇرۇۋاتىمەن.

ئاللاھ سىلەرگە ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن ۋە سىلەرنى ئۈممەتكە پايدىلىق قىلسۇن.

جاۋاب: 

بارچە ھەمدۇ – سانا ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە، ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ۋە ساھابىلىرىگە دۇرۇت ۋە سالام يوللايمىز، ئاندىن:

ھامىلدار ئانىنىڭ بالىسىنى ئېمىتىشىدە ھېچقانداق مەسىلە يوق. مۇسلىم، تىرمىزى، نەسائى، ئەبۇ داۋۇد، ئەھمەد، مالىك ۋە باشقىلار جۇدامە بىنتى ۋەھب ئەل-ئەسەدىيەدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، ئۇ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ‌ نىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان:

«‌لَقَدْ ‌هَمَمْتُ ‌أَنْ ‌أَنْهَى ‌عَنِ ‌الْغِيلَةِ، ‌حَتَّى ‌ذَكَرْتُ ‌أَنَّ ‌الرُّومَ ‌وَفَارِسَ ‌يَصْنَعُونَ ‌ذَلِكَ، ‌فَلَا ‌يَضُرُّ ‌أَوْلَادَهُمْ»

«مەن غەيلەنى چەكلىمەكچى بولغان ئىدىم، لېكىن رۇملۇقلار ۋە پارسلارنىڭ شۇنداق قىلىپمۇ بالىلىرىغا زىيان يەتمىگەنلىكىنى ئەسلىدىم.»

«لىسانۇل ئەرەب»تە (11/511): غەيل: «ئايالنىڭ ئېرى تەرىپىدىن يېقىنلىشىلغان (يەنى جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىنغان) ھالەتتە بالىسىغا ئېمىتكەن سۈتى» دېيىلگەن. يەنە: «غەيل ئايالنىڭ ھامىلدار ۋاقتىدا بالىسىنى ئېمىتىشى» دېيىلگەن.

پەننىي جەھەتتىنمۇ، بۇنداق قىلىشنىڭ بالا ئېمىتىۋاتقان ئانىغا، ھامىلىگە ياكى ئېمىۋاتقان بالىغا زىيان يېتىدىغانلىقى بايقالمىغان. شۇڭا، ھامىلدارلىق سەۋەبىدىن بالىنى ئانىسىنىڭ سۈتىدىن مەھرۇم قىلىش دۇرۇس ئەمەس.

ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

[پەتىۋا چىقىرىلغان ۋاقىت]

ھىجرىيە 1423 – يىلى رامزان ئېيىنىڭ 27 – كۈنى.

ئەسلى پەتىۋانىڭ تېكىستى:
‌‌‌إرضاع ‌الحامل لولدها جائز شرعا غير ممنوع طبا

‌‌[السُّؤَالُ]

ـ[ما حكم أن ترضع الأم طفلها وهي حامل مع العلم أن طفلي يكمل سبعة أشهر بعد أسبوع وأنا حامل في الشهر الثاني؟

… … … وجزاكم الله خيرا ونفع بكم الأمة]ـ

‌‌[الفَتْوَى]

الحمد لله والصلاة والسلام على رسول الله وعلى آله وصحبه أما بعد:

فلا حرج على الأم أن ترضع ولدها وهي حامل، وقد أخرج مسلم والترمذي والنسائي وأبو داود وأحمد ومالك وغيرهم عن جدامة بنت وهب الأسدية أنها سمعت رسول الله صلى الله عليه وسلم يقول: ” لقد هممت أن أنهى عن الغيلة حتى ذكرت أن الروم وفارس يصنعون ذلك فلا يضر أولادهم.” قال في لسان العرب 11/511: الغيل: اللبن الذي ترضعه المرأة ولدها وهي تؤتى … وقيل: الغيل أن ترضع المرأة ولدها على حَبَل. انتهى.

ومن الناحية العلمية لم تلاحظ أضرار تلحق المرضع بسبب وطئها ولا الجنين ولا الطفل المرضع، ولذا لا يجوز حرمان الطفل من لبن أمه بحجة الغيلة.

والله أعلم.

‌‌[تَارِيخُ الْفَتْوَى]

27 رمضان 1423