ھەدىس شەرىف | چىن ئىخلاس بىلەن ئوقۇلسا، كىشىنى غەم – قايغۇدىن قۇتۇلدۇرىدىغان سۆزلەر

رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ دىن رىۋايەت قىلىنغان، چىن ئىخلاس بىلەن ئوقۇلغان تەقدىردە كىشىنى غەم – قايغۇدىن خالاس قىلىدىغان سۆزلەر:

لَا ‌إِلَهَ ‌إِلَّا ‌اللَّهُ ‌الْحَلِيمُ ‌الْكَرِيمُ

لَا ‌إِلَهَ ‌إِلَّا ‌اللَّهُ ‌الْعَلِيُّ ‌الْعَظِيمُ

لَا ‌إِلَهَ ‌إِلَّا ‌اللَّهُ ‌رَبُّ ‌السَّمَاوَاتِ ‌السَّبْعِ ‌وَرَبُّ ‌الْعَرْشِ ‌الْكَرِيمِ

مەنىسى:

1. ھەلىم (كۈچى يېتىدىغان تۇرۇقلۇق گۇناھكارلارنى ئالدىراپ جازالىمايدىغان، بەلكى تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىپ كەچۈرۈۋېتىدىغان) ۋە كەرىيم (ياخشىلىقى كۆپ، ئاتا – ئېھسانى مول) ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر.

2. ئالىي (زاتى ۋە شانى ھەممىدىن ئۈستۈن بولغان)، ئەزىم (زاتىدا، ئىسىم – سۈپەتلىرىدە ۋە جىمى ئىشلىرىدا مۇتلەق كامالەت ۋە مۇتلەق ئۇلۇغلۇققا ئىگە بولغان) ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر.

3. يەتتە قات ئاسماننىڭ رەببى ۋە ئېسىل ئەرشنىڭ رەببى بولغان ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر.

مەنبە: سەھىھۇلجامى 4571 – ھەدىس، سەھىھ