ئىمام، ھافىز ئىبنى رەجەب رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
«مۇئمىن چوقۇم ئەتىگەن – ئاخشامدا ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ تۇرۇشى كېرەك. چۈنكى، ئۇ ئۆلۈمنىڭ قايسىدۇر ئەتىگەن ياكى ئاخشامدا ئۆزىنىڭ بېشىغا تۇيۇقسىز كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. كىم (گۇناھلاردىن) تەۋبە قىلمىغان ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزسا ياكى كەچ قىلسا، ئۇ خەتەر ئۈستىدىدۇر. ئۇنىڭ تەۋبە قىلمىغان ھالەتتە ئاللاھقا ئۇچرىشىشىدىن ۋە زالىملار قاتارىدا تىرىلدۈرۈلۈشىدىن قورقۇلىدۇ. ئاللاھ تەئالا: {كىم تەۋبە قىلمىسا، ئەنە شۇلار زالىملاردۇر} دېگەن. ياشلارنىڭ تەۋبىنى كېچىكتۈرۈشى قەبىھ ئىشتۇر، قېرىلارنىڭ تەۋبىنىڭ كېچىكتۈرۈشى بولسا قەبىھنىڭ قەبىھسىدۇر.»
مەنبە: «لطائف المعارف» 344 – بەت.
* تەرجىماندىن ئىلاۋە:
تەۋبە نوقۇل ھالدا «تەۋبە قىلدىم» دەپ قويۇشلا ئەمەس. ئەكسىچە تەۋبىنىڭ مۇنداق ئۈچ شەرتى بار:
1. قىلغان شۇ گۇناھىغا پۇشايمان قىلىش.
2. شۇ گۇناھتىن قول ئۈزۈش.
3. شۇ گۇناھنى قەتئىي قايتا قىلماسلىققا بەل باغلاش.
ئەگەر گۇناھ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بەندىلەرنىڭ ھەققىگە ئالاقىدار بولسا، «ھەقنى ئىگىسىگە قايتۇرۇش»تىن ئىبارەت تۆتىنچى شەرتمۇ بار بولىدۇ.
ئەرەبچە تېكىستى:
المؤمن لا ينبغي أن يصبح ويمسي إلا على توبة فإنه لا يدري متى يفاجئه الموت صباحا أو مساء فمن أصبح أو أمسى على غير توبة فهو على خطر لأنه يخشى أن يلقى الله غير تائب فيحشر في زمرة الظالمين قال الله تعالى: {وَمَنْ لَمْ يَتُبْ فَأُولَئِكَ هُمُ الظَّالِمُونَ} [الحجرات: 11] تأخير التوبة في حال الشباب قبيح وفي حال المشيب أقبح وأقبح
