لا إله إلا اللە نىڭ شەرتلىرى

ھافىز ئەلھەكەمىينىڭ «بەسىرە ئاكادېمىيەسى» تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان «لا إله إلا اللە نىڭ شەرتلىرى» دېگەن رىسالىسىدىن ئېلىندى.

بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ

ئەڭ شەپقەتلىك، ئەڭ مېھرىبان اللَّه نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

بىرىنچى شەرت: «العلم» ـــ ئىلىم

«لا إله إلا اللە»نىڭ مەنىسى ۋە غايىسى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە ئىنكار قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئىلىم (بۇ جەھەتتىكى) جاھالەتنى يوقىتىدۇ.

الله ﷻ شۇنداق دەيدۇ:

{فَاعْلَمْ أَنَّهُ لَا إِلَـهَ إِلَّا اللَّـهُ}

«بىلگىنكى، الله تىن باشقا (ئىبادەتكە لايىق) ھېچ مەبۇد يوقتۇر» [سۈرە مُحَمَّدٌ 19 – ئايەت].

الله ﷻ شۇنداق دەيدۇ:

{إِلَّا مَن شَهِدَ بِالْحَقِّ وَهُمْ يَعْلَمُونَ}

«پەقەت بىلگەن ھالدا ھەقكە گۇۋاھلىق بەرگەنلەر (يەنى الله ﷻ نىڭ بىرلىكىگە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ئۇنىڭغا بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنغانلار) مۇستەسنا» [سۈرە مُحَمَّدٌ 19 – ئايەت].

بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى: «قەلبىدە بىلگەن ھالدا <لا إله إلا اللە> دەپ گۇۋاھلىق بېرىدۇ ۋە بۇنىڭ مەنىسىنى تىلىدا تەلەپپۇز قىلىدۇ» دېگەنلىكتۇر.

الله ﷻ شۇنداق دەيدۇ:

{شَهِدَ اللَّـهُ أَنَّهُ لَا إِلَـهَ إِلَّا هُوَ وَالْمَلَائِكَةُ وَأُولُو الْعِلْمِ قَائِمًا بِالْقِسْطِ ۚ لَا إِلَـهَ إِلَّا هُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ}

« الله ئادالەتنى بەرپا قىلغان ھالدا گۇۋاھلىق بەردىكى، ئۇنىڭدىن باشقا (ئىبادەتكە لايىق) ھېچ مەبۇد يوقتۇر. پەرىشتىلەرمۇ، ئىلىم ئەھلىلىرىمۇ شۇنداق گۇۋاھلىق بەردى: ئۇنىڭدىن باشقا (ئىبادەتكە لايىق)  ھېچ مەبۇد يوقتۇر. ئۇ مۇتلەق غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر» [سۈرە ئال ئىمران 18 – ئايەت].

الله ﷻ شۇنداق دەيدۇ:

{قُلْ هَلْ يَسْتَوِي الَّذِينَ يَعْلَمُونَ وَالَّذِينَ لَا يَعْلَمُونَ ۗ إِنَّمَا يَتَذَكَّرُ أُولُو الْأَلْبَابِ}

« ئېيتقىنكى، <بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟ پەقەت (ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرى ئىبرەت ئالىدۇ>» [سۈرە زۇمەر 9 – ئايەت].

الله ﷻ شۇنداق دەيدۇ:

{إِنَّمَا يَخْشَى اللَّـهَ مِنْ عِبَادِهِ الْعُلَمَاءُ}

«الله نىڭ بەندىلىرى ئىچىدە الله تىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ» [سۈرە فاتىر 28 – ئايەت].

الله ﷻ شۇنداق دەيدۇ:

{وَتِلْكَ الْأَمْثَالُ نَضْرِبُهَا لِلنَّاسِ ۖ وَمَا يَعْقِلُهَا إِلَّا الْعَالِمُونَ}

«بىز ئىنسانلارغا بايان قىلغان بۇ تەمسىللەرنى پەقەت ئالىملارلا چۈشىنەلەيدۇ» [سۈرە ئەنكەبۇت 43 – ئايەت].

ئىمام مۇسلىم رحمه الله «سەھىھۇل مۇسلىم»دا ئوسمان رضي الله عنه دىن رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ شۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: «كىمكى <لا إله إلا اللە> <الله تىن باشقا (ئىبادەتكە لايىق) ئىلاھ يوق>لۇقىنى بىلگەن ھالدا ئۆلسە، جەننەتكە كىرىدۇ».

ئىككىنچى شەرت: «اليقين» ـــ جەزم

«لا إله إلا اللە»نىڭ ئىككىنچى شەرتى «شەك – شۈبھە»نى يوقىتىدىغان «جەزم»دۇر. يەنى بۇ «لا إله إلا اللە» دېگەن كىشىنىڭ بۇ سۆزنى ئۇنىڭ دالالىتىگە تولۇق جەزم قىلغان ھالدا، قەتئىي ئىشەنچ بىلەن دېيىشىدۇر. چۈنكى، «شەكلىك ئىلىم»نىڭ زىتى بولغان «جەزملىك ئىلىم» بولمىسا ئىمان ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ. ئىمانغا شەك ئارىلاشسا قانداق بولىدۇ؟

الله ﷻ شۇنداق دەيدۇ:

{إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ الَّذِينَ آمَنُوا بِاللَّـهِ وَرَسُولِهِ ثُمَّ لَمْ يَرْتَابُوا وَجَاهَدُوا بِأَمْوَالِهِمْ وَأَنفُسِهِمْ فِي سَبِيلِ اللَّـهِ ۚ أُولَـئِكَ هُمُ الصَّادِقُونَ}

«پەقەت الله قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرگەن، ئاندىن (ئىمانىدا) شەك كەلتۈرمىگەن، ماللىرى بىلەن، جانلىرى بىلەن الله نىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلار مۇئمىنلەردۇر، ئەنە شۇلار (ئىمان دەۋاسىدا) راستچىللاردۇر» [سۈرە ھۇجۇرات 15 – ئايەت].

شۇنىڭ ئۈچۈن، «جەزم» مۇئمىنلەرنىڭ الله ﷻ غا ۋە ئۇنىڭغا پەيغەمبىرىگە بولغان ئىمانىدا راستچىل بولۇشىنىڭ شەرتى بولۇپ، ئۇلاردا «لا إله إلا اللە» توغرىسىدا ھېچقانداق ئېنىقسىزلىق ياكى شەك – شۈبھە يوقتۇر.

(«جەزم»نىڭ زىتى بولغان) «ئېنىقسىزلىق» مۇناپىقلارنىڭ ئىللەتلىرىدىندۇر ـــ الله ﷻ بىزنى بۇلاردىن بولۇپ قېلىشتىن ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي. الله ﷻ بۇلار توغرىسىدا شۇنداق دېگەن:

{إِنَّمَا يَسْتَأْذِنُكَ الَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِاللَّـهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ وَارْتَابَتْ قُلُوبُهُمْ فَهُمْ فِي رَيْبِهِمْ يَتَرَدَّدُونَ}

«(ئى مُحَمَّدٌ ﷺ) سەندىن پەقەت الله قا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغانلار، دىللىرىدا (الله ﷻ نىڭ بىرلىكىگە ۋە سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭگە) گۇمانى بارلار رۇخسەت سورايدۇ، ئۇلار ئۆز گۇمانىدا تېڭىرقاپ يۈرىدۇ» [سۈرە تەۋبە 45 – ئايەت].

«سەھىھۇل مۇسلىم»دا ئەبۇھۇرەيرە رضي الله عنه دىن رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ شۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان: «مەن الله تىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ئىلاھ يوقلۇقىغا ۋە مېنىڭ الله نىڭ رەسۇلى ئىكەنلىكىمگە گۇۋاھلىق بېرىمەن. الله نىڭ بەندىلىرىدىن ھەرقانداق بىرى بۇلار (يەنى مۇشۇ ئىككى شاھادەت) توغرىسىدا شەك قىلمىغان ھالدا، بۇ ئىككى شاھادەت بىلەن الله قا ئۇچراشسا، چوقۇم جەننەتكە كىرىدۇ».

يەنە بىر رىۋايەتتە: «الله نىڭ بەندىلىرىدىن ھەرقانداق بىرى بۇلار (يەنى مۇشۇ ئىككى شاھادەت) توغرىسىدا شەك قىلمىغان ھالدا، بۇ ئىككى شاھادەت بىلەن الله قا ئۇچراشسا، جەننەتكە كىرىشتىن چەكلەنمەيدۇ» دېيىلگەن.

«سەھىھۇل مۇسلىم»دا يەنە ئەبۇھۇرەيرە رضي الله عنه دىن رىۋايەت قىلىنغان ئۇزۇن ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ ﷺ ئەبۇھۇرەيرە رضي الله عنه غا ئۆزىنىڭ ئايىغىنى تۇتقۇزۇپ، «سەن مۇشۇ باغنىڭ ئارقىسىدا چىن قەلبىدىن <لا إله إلا اللە> دېگەن ھەرقانداق ئادەمنى كۆرسەڭ، ئۇنىڭغا جەننەت بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن» دېگەن.

بۇ ھەدىستە كۆرسىتىلگىنىدەك، رەسۇلۇللاھ ﷺ «لا إله إلا اللە» دېگەن كىشىنىڭ جەننەتكە كىرىشىگە، شۇ كىشىنىڭ بۇنىڭغا «چىن قەلبىدىن جەزم قىلىشىنى، بۇ ھەقتە ھېچقانداق شەك – شۈبھىسى بولماسلىقى»نى شەرت قىلغان. شۇ ۋەجىدىن، ئەگەر («جەزم»دىن ئىبارەت) شەرت ھازىرلانمىسا، («جەننەت»تىن ئىبارەت) مۇكاپاتمۇ يوققا چىقىدۇ.

 

ئۈچىنچى شەرت: « القبول» ـــ قوبۇل

(«لا إله إلا اللە»دىن ئىبارەت) بۇ سۆز تەقەززا قىلىدىغان «قوبۇل» قەلب ۋە تىل بىلەن بولىدۇ.

الله ﷻ ئۆتكەنكى ئۈممەتلەر ئارىسىدىكى قۇتۇلغانلار ۋە («لا إله إلا اللە»دىن ئىبارەت) بۇ سۆزنى رەت قىلغانلارغا بېرىلگەن جازا توغرىسىدا خەۋەر بەرگەن. الله ﷻ بۇ ھەقتە شۇنداق دەيدۇ:

{وَكَذَلِكَ مَا أَرْسَلْنَا مِن قَبْلِكَ فِي قَرْيَةٍ مِّن نَّذِيرٍ إِلَّا قَالَ مُتْرَفُوهَا إِنَّا وَجَدْنَا آبَاءَنَا عَلَى أُمَّةٍ وَإِنَّا عَلَى آثَارِهِم مُّقْتَدُونَ ﴿٢٣﴾  قَالَ أَوَلَوْ جِئْتُكُم بِأَهْدَى مِمَّا وَجَدتُّمْ عَلَيْهِ آبَاءَكُمْ ۖ قَالُوا إِنَّا بِمَا أُرْسِلْتُم بِهِ كَافِرُونَ ﴿٢٤﴾ فَانتَقَمْنَا مِنْهُمْ ۖ فَانظُرْ كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُكَذِّبِينَ ﴿٢٥﴾}

«شۇنىڭدەك سەندىن ئىلگىرى ھەر قاچان بىرەر شەھەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) ئەۋەتسەكلا، ئۇنىڭ دۆلەتمەن ئادەملىرى: <بىز ھەقىقەتەن ئاتا – بوۋىلىرىمىزنىڭ بىر خىل دىنغا ئېتىقاد قىلغانلىقىنى بىلىمىز، شەك – شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنىڭ ئىزلىرىدىن ماڭىمىز> دېيىشتى (23) (ھەر پەيغەمبەر ئۆز قەۋمىگە) «ئاتا – بوۋاڭلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن دىنغا قارىغاندا ئەڭ توغرا بىر دىننى كەلتۈرسەم يەنىلا ئاتا – بوۋاڭلارغا ئەگىشەمسىلەر؟» دېدى. ئۇلار: «سىلەر ئېلىپ كەلگەن دىنغا ئىشەنمەيمىز» دېيىشتى (24) بىز ئۇلارنى جازالىدۇق، (توغرا يولنى) ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىن (25)» [سۈرە زۇخرۇف].

الله ﷻ شۇنداق دەيدۇ:

{ثُمَّ نُنَجِّي رُسُلَنَا وَالَّذِينَ آمَنُوا ۚ كَذَلِكَ حَقًّا عَلَيْنَا نُنجِ الْمُؤْمِنِينَ}

«ئاندىن كېيىن پەيغەمبەرلىرىمىزنى، ئىمان ئېيتقانلارنى (ئازابتىن) قۇتقۇزدۇق، ئىمان ئېيتقانلارنى قۇتقۇزۇشقا مۇشۇنداق مەسئۇل بولىمىز» [سۈرە يۇنۇس 103 – ئايەت].

الله ﷻ شۇنداق دەيدۇ:

{وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا مِن قَبْلِكَ رُسُلًا إِلَى قَوْمِهِمْ فَجَاءُوهُم بِالْبَيِّنَاتِ فَانتَقَمْنَا مِنَ الَّذِينَ أَجْرَمُوا ۖ وَكَانَ حَقًّا عَلَيْنَا نَصْرُ الْمُؤْمِنِينَ}

«(ئى مُحَمَّدٌ ﷺ!) شۈبھىسىزكى، سەندىن ئىلگىرى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى قەۋمىگە (پەيغەمبەر قىلپ) ئەۋەتتۇق، ئۇ پەيغەمبەرلەر ئۇلارغا (ئۆزلىرىنىڭ راست پەيغەمبەرلىكلىرىنى ئىسپاتلايدىغان) نۇرغۇن روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئاندىن ئاسىيلىق قىلغانلارنى جازالىدۇق، ئىمان ئېيتقانلارغا ياردەم قىلىش بىزگە تېگىشلىك بولدى» [سۈرە رۇم 47 – ئايەت].

الله ﷻ بۇ ئايەتلەردە بىزگە «لا إله إلا اللە»نى قوبۇل قىلغانلار ئۈچۈن مۇكاپاتلارنى ۋەدە قىلغانلىقى ۋە «لا إله إلا اللە»نى رەت قىلغانلار ئۈچۈن ئازاب تەييارلىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن.

الله ﷻ شۇنداق دەيدۇ:

{احْشُرُوا الَّذِينَ ظَلَمُوا وَأَزْوَاجَهُمْ وَمَا كَانُوا يَعْبُدُونَ ﴿٢٢﴾ مِن دُونِ اللَّـهِ فَاهْدُوهُمْ إِلَى صِرَاطِ الْجَحِيمِ ﴿٢٣﴾ وَقِفُوهُمْ ۖ إِنَّهُم مَّسْئُولُونَ ﴿٢٤﴾  مَا لَكُمْ لَا تَنَاصَرُونَ ﴿٢٥﴾ بَلْ هُمُ الْيَوْمَ مُسْتَسْلِمُونَ ﴿٢٦﴾ وَأَقْبَلَ بَعْضُهُمْ عَلَى بَعْضٍ يَتَسَاءَلُونَ ﴿٢٧﴾ قَالُوا إِنَّكُمْ كُنتُمْ تَأْتُونَنَا عَنِ الْيَمِينِ ﴿٢٨﴾ قَالُوا بَل لَّمْ تَكُونُوا مُؤْمِنِينَ ﴿٢٩﴾ وَمَا كَانَ لَنَا عَلَيْكُم مِّن سُلْطَانٍ ۖ بَلْ كُنتُمْ قَوْمًا طَاغِينَ ﴿٣٠﴾ فَحَقَّ عَلَيْنَا قَوْلُ رَبِّنَا ۖ إِنَّا لَذَائِقُونَ ﴿٣١﴾ فَأَغْوَيْنَاكُمْ إِنَّا كُنَّا غَاوِينَ ﴿٣٢﴾ فَإِنَّهُمْ يَوْمَئِذٍ فِي الْعَذَابِ مُشْتَرِكُونَ ﴿٣٣﴾ إِنَّا كَذَلِكَ نَفْعَلُ بِالْمُجْرِمِينَ ﴿٣٤﴾ إِنَّهُمْ كَانُوا إِذَا قِيلَ لَهُمْ لَا إِلَـهَ إِلَّا اللَّـهُ يَسْتَكْبِرُونَ ﴿٣٥﴾ وَيَقُولُونَ أَئِنَّا لَتَارِكُو آلِهَتِنَا لِشَاعِرٍ مَّجْنُونٍ ﴿٣٦﴾}

«(الله ﷻ پەرىشتىلىرىگە ئېيتىدۇ) زۇلۇم قىلغۇچىلارنى، ئۇلارنىڭ (مۇشرىكلىكتىكى، كۇفرىدىكى) قاياشلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ الله نى قويۇپ ئىبادەت قىلغان نەرسىلىرىنى (مەھشەرگاھقا) توپلاڭلار، ئاندىن ئۇلارنى دوزاخنىڭ يولىغا باشلاڭلار (22–23) ئۇلارنى توختىتىپ تۇرۇڭلار، چۈنكى ئۇلار (جىمى سۆزلىرى ۋە ئىشلىرىدىن) سوئال – سوراق قىلىنىدۇ (24) (ئاندىن) ئۇلارغا: «نېمىشقا (دۇنيادىكى ۋاقتىڭلاردا قىلغىنىڭلاردەك) بىر – بىرىڭلارغا ياردەم قىلمايسىلەر؟» (دېيىلىدۇ) (25) بەلكى ئۇلار بۈگۈن بويسۇنغۇچىلاردۇر (26) ئۇلار بىر – بىرىگە قاراپ مۇنازىرىلىشىدۇ (27) ئەگەشكۈچىلەر ئەگەشتۈرگۈچىلەرگە: «سىلەر (سۆزۈڭلارنىڭ راستلىقىغا) قەسەم ئىچىپ بىزنى ئىماندىن توسۇيتتۇڭلار» دەيدۇ (28) (ئەگەشتۈرگۈچىلەر ئەگەشكۈچىلەرگە) ئېيتىدۇ: «سىلەر (ئۆز ئىختىيارىڭلار بىلەن) مۇئمىن بولمىدىڭلار (29) بىزنىڭ سىلەرنى (بىزگە ئەگىشىشكە) زورلايدىغان كۈچىمىز يوق ئىدى، بەلكى سىلەر (بىزگە ئوخشاش) ئازغان قەۋم ئىدىڭلار (30) رەببىمىزنىڭ بىزنىڭ ھەققىمىزدىكى (جازالاش) سۆزى بىزگە تېگىشلىك بولدى. بىز ھەقىقەتەن (شۇ سۆز بويىچە ئازابنى) چوقۇم تېتىغۇچىمىز (31) سىلەرنى بىز ئازدۇردۇق، چۈنكى بىز ھەقىقەتەن ئازغان ئىدۇق» (32) ئۇلار (يەنى ئەگەشتۈرگۈچىلەر بىلەن ئەگەشكۈچىلەر) بۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئازابتا ئورتاقتۇر (33) بىز ھەقىقەتەن گۇناھكارلارغا مۇشۇنداق قىلىمىز، (يەنى ئەگەشتۈرگۈچىلەر بىلەن ئەگەشكۈچىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئازاب قىلىمىز) (34) ئۇلار ھەقىقەتەن مۇشۇنداق ئىدىكى، ئۇلارغا: «بىر الله تىن باشقا (ئىبادەتكە لايىق) ھېچ ئىلاھ يوق» (دەڭلار) دېيىلسە، (كەلىمە تەۋھىدتىن) تەكەببۇرلۇق قىلىپ باش تارتاتتى (35) ئۇلار: «ئىلاھلىرىمىزنى ھەقىقەتەن بىر مەجنۇن شائىر ئۈچۈن (يەنى ئۇنىڭ سۆزى ئۈچۈن) تاشلىۋېتەمدۇق؟» دەيتتى (36)» [سۈرە ساففات].

الله ﷻ ئۇلارنىڭ جازالىنىش سەۋەبىنىڭ «<لا إله إلا اللە> قا قارشى تەكەببۇرلۇق قىلغانلىقلىرى ۋە بۇ شاھادەتنى ئېلىپ كەلگۈچىنى يالغانغا چىقارغانلىقى» ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. يەنى، ئۇلار الله ﷻ مۇئەييەنلەشتۈرگەننى مۇئەييەنلەشتۈرمىگەن ۋە الله ﷻ ئىنكار قىلغاننى ئىنكار قىلمىغان. ئەكسىچە، ئۇلار تەكەببۇرلۇق بىلەن شۇنداق دېگەن:

{ أَجَعَلَ الْآلِهَةَ إِلَـهًا وَاحِدًا ۖ إِنَّ هَـذَا لَشَيْءٌ عُجَابٌ ﴿٥﴾ وَانطَلَقَ الْمَلَأُ مِنْهُمْ أَنِ امْشُوا وَاصْبِرُوا عَلَى آلِهَتِكُمْ ۖ إِنَّ هَـذَا لَشَيْءٌ يُرَادُ ﴿٦﴾ مَا سَمِعْنَا بِهَـذَا فِي الْمِلَّةِ الْآخِرَةِ إِنْ هَـذَا إِلَّا اخْتِلَاقٌ ﴿٧﴾}

« ئۇ نۇرغۇن ئىلاھلارنى بىر ئىلاھ قىلماقچىمۇ؟ بۇ ھەقىقەتەن غەلىتە ئىش» (5) ئۇلارنىڭ (يەنى قۇرەيشنىڭ) كاتتىلىرى (سورۇنلىرىدىن) قوزغىلىپ چىقىپ ئېيتتى: «سىلەر مېڭىڭلار، مەبۇدلىرىڭلارغا ئىبادەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇڭلار، بۇ ھەقىقەتەن (بىزدىن) ئىرادە قىلىنىدىغان بىر ئىش (6) بۇنى بىز باشقا بىر دىندىن (يەنى ناسارا دىنىدىكىلەردىن) ئاڭلىمىدۇق، بۇ پەقەت ئويدۇرمىدۇر (7)» [سۈرە ساد].

ئۇلار: «ئىلاھلىرىمىزنى ھەقىقەتەن بىر مەجنۇن شائىر ئۈچۈن تاشلىۋېتەمدۇق؟» دېيىشكەن.

ئاندىن الله ﷻ بۇلارغا رەددىيە سۈپىتىدە شۇنداق دېگەن:

{ بَلْ جَاءَ بِالْحَقِّ وَصَدَّقَ الْمُرْسَلِينَ}

«ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئىش ئۇلارنىڭ بوھتان قىلغىنىدەك ئەمەس)، ئۇ (يەنى مُحَمَّدٌ ﷺ) ھەق (دىن) نى ئېلىپ كەلدى ۋە پەيغەمبەرلەرنى تەستىق قىلدى» [سۈرە ساففات 37 – ئايەت].

ئاندىن الله ﷻ ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن كىشىلەر توغرىسىدا شۇنداق دېگەن:

{إِلَّا عِبَادَ اللَّـهِ الْمُخْلَصِينَ ﴿٤٠﴾ أُولَـئِكَ لَهُمْ رِزْقٌ مَّعْلُومٌ ﴿٤١﴾ فَوَاكِهُ ۖ وَهُم مُّكْرَمُونَ ﴿٤٢﴾ فِي جَنَّاتِ النَّعِيمِ ﴿٤٣﴾}

«پەقەت الله نىڭ سادىق بەندىلىرىلا جازاغا تارتىلمايدۇ (40) ئۇلار نەئم جەننىتىدە مەلۇم رىزىقتىن (يەنى تۈرلۈك مېۋىلەردىن) بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇلار ھۆرمەتلىنىدۇ (41–43)» [سۈرە ساففات].

الله ﷻ يەنە شۇنداق دېگەن:

{ مَن جَاءَ بِالْحَسَنَةِ فَلَهُ خَيْرٌ مِّنْهَا وَهُم مِّن فَزَعٍ يَوْمَئِذٍ آمِنُونَ}

«ياخشى ئىش بىلەن كەلگەنلەر قىلغان ياخشىلىقىدىن ئوبدانراق مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، ئۇلار بۇ كۈندە قورقۇنچتىن ئەمىن بولىدۇ» [سۈرە نەمل 89 – ئايەت].

سەھىھۇل بۇخارىدا، ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رضي الله عنه دىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ ﷺ شۇنداق دېگەن: «مەن الله تەرىپىدىن ئېلىپ كەلگەن ھىدايەت ۋە ئىلىم زېمىنغا ياغقان مول يامغۇزغا ئوخشايدۇ. زېمىننىڭ ئىچىدە سۇنى سۈمۈرۈپ، نۇرغۇن ئوت – چۆپلەرنى ئۈندۈرىدىغان مۇنبەت يەرمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە گىياھنى ئۈندۈرمەي، سۇنىمۇ سىڭدۈرۈۋەتمەي تۇتۇپ تۇرىدىغان تېتىر يەرمۇ بولىدۇ. كىشىلەر الله نىڭ ئىلتىپاتى بىلەن ئۇ يەردىكى سۇلاردىن ئىچىدۇ. ئۇلاغلىرىنى ۋە زىرائەتلىرىنى سۇغۇرۇشتا پايدىلىنىدۇ. (يامغۇر ياغقان) يەنە بىر قىسىم جايلار چۆل بولۇپ، يا سۇنى سىڭدۈرۈۋەتمەي تۇتۇپ تۇرالمايدۇ، يا ئوت – چۆپ ئۈندۈرمەيدۇ. مانا بۇ الله نىڭ دىنىنى ئۆگەنگەن، مەن الله تەرىپىدىن ئېلىپ كەلگەن ھىدايەت ۋە ئىلىمدىن پايدىلانغان، ئاندىن ئۆگەنگىنىنى باشقىلارغا ئۆگەتكەن كىشى بىلەن ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمىغان، مەن ئېلىپ كەلگەن ھىدايەتنى قوبۇل قىلمىغان كىشىنىڭ مىسالىدۇر» [سەھىھۇل بۇخارى 79 – ھەدىس].

 

تۆتىنچى شەرت: «الانقياد» ـــ ئىتائەت ۋە بويسۇنۇش

«لا إله إلا اللە» نىڭ بارلىق تەلەپلىرىگە ئىتائەت قىلىش ۋە بويسۇنۇش بولۇپ، بۇ «ئىتائەتسىزلىك»نى رەت قىلىدۇ.

الله ﷻ شۇنداق دەيدۇ:

{ وَأَنِيبُوا إِلَى رَبِّكُمْ وَأَسْلِمُوا لَهُ مِن قَبْلِ أَن يَأْتِيَكُمُ الْعَذَابُ ثُمَّ لَا تُنصَرُونَ}

«سىلەرگە ئازاب كېلىپ، ياردەمگە ئېرىشەلمىگىنىڭلاردىن بۇرۇن، رەببىڭلار تەرەپكە قايتىڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىڭلار» [سۈرە زۇمەر 54 – ئايەت].

الله ﷻ شۇنداق دەيدۇ:

{وَمَنْ أَحْسَنُ دِينًا مِّمَّنْ أَسْلَمَ وَجْهَهُ لِلَّـهِ وَهُوَ مُحْسِنٌ}

«ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ھالدا يۈزىنى الله قا تاپشۇرغان (يەنى الله ﷻ نىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇپ ئەمەلىنى خالىس الله ﷻ ئۈچۈن قىلغان) … كىشىدىن ياخشىراق ئادەم بارمۇ؟» [سۈرە نىسا 125 – ئايەت].

الله ﷻ شۇنداق دەيدۇ:

{ وَمَن يُسْلِمْ وَجْهَهُ إِلَى اللَّـهِ وَهُوَ مُحْسِنٌ فَقَدِ اسْتَمْسَكَ بِالْعُرْوَةِ الْوُثْقَى وَإِلَى اللَّـهِ عَاقِبَةُ الْأُمُورِ}

«مۇھسىن (ياخشى ئىش قىلغۇچى) بولغان ھالدا ئىخلاس بىلەن الله قا بويسۇنغان ئادەم مەھكەم تۇتقۇغا ئېسىلغان بولىدۇ. ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى الله قا مەنسۇپتۇر» [سۈرە لوقمان 22 – ئايەت].

بۇ ئايەتتىكى مەھكەم تۇتقۇ «لا إله إلا اللە»دۇر.

بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى شۇكى: «لا إله إلا اللە»دىن ئىبارەت «مەھكەم تۇتقۇ»غا ئېسىلغان ئادەم يۈزىنى (يەنى ئۆزىنى) الله قا بويسۇندۇرىدۇ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدۇ، يەنى ئۇ پەقەت الله قىلا ئىبادەت قىلىدىغان تەقۋادار ئادەمدۇر. ئەمما، كىم ئۆزىنى الله قا تاپشۇرمىسا ۋە تەقۋادارلاردىن بولمىسا، ئۇ «لا إله إلا اللە»دىن ئىبارەت، مەڭگۈ سۇنمايدىغان مەھكەم تۇتقۇنى تۇتقان ھېسابلانمايدۇ.

الله ﷻ نىڭ تۆۋەندىكى سۆزىنىڭ مەنىسىمۇ شۇدۇر:

{وَمَن كَفَرَ فَلَا يَحْزُنكَ كُفْرُهُ ۚ إِلَيْنَا مَرْجِعُهُمْ فَنُنَبِّئُهُم بِمَا عَمِلُوا ۚ إِنَّ اللَّـهَ عَلِيمٌ بِذَاتِ الصُّدُورِ ﴿٢٣﴾ نُمَتِّعُهُمْ قَلِيلًا ثُمَّ نَضْطَرُّهُمْ إِلَى عَذَابٍ غَلِيظٍ ﴿٢٤﴾}

«كىمكى كاپىر بولىدىكەن، ئۇنىڭ كۇفرى سېنى قايغۇغا سالمىسۇن، ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ، ئۇلارغا (دۇنيادىكى) قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىمىز، الله ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر (23) ئۇلارنى (دۇنيادىن) ئازغىنا (مۇددەت) بەھرىمەن قىلىمىز، ئاندىن ئۇلارنى قاتتىق ئازابنى (تېتىشقا) مەجبۇرلايمىز (24)» [سۈرە لوقمان].

 

بەشىنچى شەرت: « الصدق» ـــ راستچىللىق

«لا إله إلا اللە»دا راستچىل بولۇش (بۇ خۇسۇستىكى) يالغانچىلىقنى، كاززابلىقنى رەت قىلىدۇ. بۇ جەھەتتىكى راستچىللىق شۇكى، كىشى «لا إله إلا اللە»نى چىن قەلبىدىن چىقىرىپ دېيىشى، تىلىدا ئېيتقىنى دىلىدىكى بىلەن بىردەك بولۇشى كېرەك.

الله ﷻ شۇنداق دەيدۇ:

{ الم ﴿١﴾ أَحَسِبَ النَّاسُ أَن يُتْرَكُوا أَن يَقُولُوا آمَنَّا وَهُمْ لَا يُفْتَنُونَ ﴿٢﴾ وَلَقَدْ فَتَنَّا الَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ ۖ فَلَيَعْلَمَنَّ اللَّـهُ الَّذِينَ صَدَقُوا وَلَيَعْلَمَنَّ الْكَاذِبِينَ ﴿٣﴾}

«ئەلىف، لام، مىم (1) ئىنسانلار <ئىمان ئېيتتۇق> دەپ قويۇش بىلەنلا سىنالماي تەرك ئېتىلىمىز، دەپ ئويلامدۇ؟ (2) ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنى بىز ھەقىقەتەن سىنىدۇق، الله (ئىمانىدا) راستچىللارنى چوقۇم بىلىدۇ، (ئىمانىدا) يالغانچىلارنىمۇ چوقۇم بىلىدۇ (3)» [سۈرە ئەنكەبۇت].

الله ﷻ يالغاندىن «لا إله إلا اللە» دېگەن مۇناپىقلار توغرىسىدا شۇنداق دەيدۇ:

{ وَمِنَ النَّاسِ مَن يَقُولُ آمَنَّا بِاللَّـهِ وَبِالْيَوْمِ الْآخِرِ وَمَا هُم بِمُؤْمِنِينَ ﴿٨﴾ يُخَادِعُونَ اللَّـهَ وَالَّذِينَ آمَنُوا وَمَا يَخْدَعُونَ إِلَّا أَنفُسَهُمْ وَمَا يَشْعُرُونَ ﴿٩﴾ فِي قُلُوبِهِم مَّرَضٌ فَزَادَهُمُ اللَّـهُ مَرَضًا ۖ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ بِمَا كَانُوا يَكْذِبُونَ ﴿١٠﴾ وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ لَا تُفْسِدُوا فِي الْأَرْضِ قَالُوا إِنَّمَا نَحْنُ مُصْلِحُونَ ﴿١١﴾}

«كىشىلەر ئارىسىدا الله قا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتتۇق دېگۈچىلەر بار، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ (يەنى ئاغزىدا ئىشەندۇق دېگىنى بىلەن، كۆڭلىدە ئىشەنمەيدۇ) (8) ئۇلار الله نى ۋە مۇئمىنلەرنى ئالدىماقچى بولىدۇ، ھەقىقەتتە ئۇلار تۇيماستىن ئۆزلىرىنىلا ئالدايدۇ (9) ئۇلارنىڭ دىللىرىدا كېسەل (يەنى مۇناپىقلىق ۋە شەكلىنىش) بار، الله ئۇلارنىڭ كېسىلىنى كۈچەيتىۋەتتى؛ يالغان سۆزلىگەنلىكلىرى (يەنى يالغاندىن ئىماننى دەۋا قىلغانلىقلىرى ۋە الله نىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلغانلىقلىرى) ئۈچۈن ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ (10) ئۇلارغا: <يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار> دېيىلسە، <بىز ئىسلاھ قىلغۇچىلارمىز> دەيدۇ (11)» [سۈرە بەقەرە].

الله ﷻ قۇرئان كەرىمدە نۇرغۇن جايدا، مەسىلەن بەقەرە، ئال ئىمران، نىسا، ئەنفال، تەۋبە ۋە باشتىن – ئاخىر شۇلار توغرىسىدا توختالغان «مۇنافىقۇن» سۈرىلىرىدە ئۇلارنىڭ رەزىل ئەپتى – بەشرىسىنى ئېچىپ تاشلىغان.

سەھىھۇل بۇخارى ۋە سەھىھۇل مۇسلىمدا مۇئاز ئىبنى جەبەل رضي الله عنه دىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ ﷺ شۇنداق دېگەن: «كىمكى چىن قەلبىدىن <الله تىن باشقا (ئىبادەتكە لايىق) ئىلاھ يوق، مُحَمَّدٌ ئۇنىڭ بەندىسى ۋە رەسۇلىدۇر> دەپ گۇۋاھلىق بەرسە، الله ئۇنىڭغا دوزاخنى ھارام قىلىدۇ».

بۇ يەردە الله ﷻ «لا إله إلا اللە» دېگەن كىشىنىڭ دوزاختىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن، بۇ شاھادەتنى «چىن قەلبىدىن ئېيتقان بولۇشى» كېرەكلىكىنى شەرت قىلغان. ئەگەر بىراۋ «لا إله إلا اللە»نى چىن قەلبىدىن تەستىقلىمىسا، ئۇنىڭ تىلدا «لا إله إلا اللە» دەپ قويۇشىنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق.

سەھىھۇل بۇخارى ۋە سەھىھۇل مۇسلىمدا يەنە ئەنەس ئىبنى مالىك ۋە تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ رضي الله عنهما دىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، بەنى سەئاد ئىبنى بەكىر قەبىلىسىدىن بولغان داممام ئىبنى سەئلەبە دېگەن كىشى رەسۇلۇللاھ ﷺ دىن ئىسلامنىڭ قائىدىلىرى توغرىسىدا سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ ﷺ ئۇنىڭغا بۇ جەھەتتە كۆرسەتمە بەرگەن. ئاندىن ئۇ (داممام ئىبنى سەئلەبە رضي الله عنه): «بۇنىڭدىن باشقىنى قىلىشىم كېرەكمۇ؟» دەپ سورىغان، رەسۇلۇللاھ ﷺ جاۋابەن: «ياق، خالىساڭ نەپلە ئەمەللەرنى قىلساڭ بولىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن، داممام ئىبنى سەئلەبە رضي الله عنه: «الله بىلەن قەسەمكى، مەن بۇنىڭدىن ئارتۇقمۇ قىلمايمەن، كەممۇ قىلمايمەن» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ﷺ: «ئەگەر ئۇ گېپىدە راستچىل بولسا، نىجادلىق تاپىدۇ» دېگەن.

باشقا رىۋايەتلەردە، «ئەگەر ئۇ راستچىل بولسا، جەننەتكە كىرىدۇ» دېيىلگەن.

بۇ يەردە رەسۇلۇللاھ ﷺ ئۇنىڭ نىجادلىق تېپىشى ۋە جەننەتكە كىرىشى ئۈچۈن، (ئىمان دەۋاسىدا) «راستچىل بولۇش»نى شەرت قىلغان.

 

ئالتىنچى شەرت: « الإخلاص» ـــ ئىخلاس

ئىخلاس ــــ سالىھ نىيەت ئارقىلىق، ئەمەللەرنى بارچە شېرىك داغلىرىدىن تازىلاش دېگەنلىكتۇر.

الله ﷻ شۇنداق دەيدۇ:

{ أَلَا لِلَّـهِ الدِّينُ الْخَالِصُ}

«شەكسىزكى، (شېرىكتىن ۋە رىيادىن ساپ) خالىس دىن الله قا خاستۇر» [سۈرە زۇمەر 3 – ئايەت].

الله ﷻ شۇنداق دەيدۇ:

{ وَمَا أُمِرُوا إِلَّا لِيَعْبُدُوا اللَّـهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ حُنَفَاءَ}

«ئۇلار پەقەت دىننى الله ئۈچۈن خالىس قىلغان، ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا (يالغۇز) الله قىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدى» [سۈرە بەييىنە 5 – ئايەت].

الله ﷻ شۇنداق دەيدۇ:

{ إِنَّا أَنزَلْنَا إِلَيْكَ الْكِتَابَ بِالْحَقِّ فَاعْبُدِ اللَّـهَ مُخْلِصًا لَّهُ الدِّينَ}

«ھەقىقەتەن بىز ساڭا (بۇ) كىتابنى ھەق بىلەن (يەنى ھەقىقەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا) نازىل قىلدۇق، دىننى الله ئۈچۈن خالىس قىلغان ھالدا الله قا ئىبادەت قىلغىن» [سۈرە زۇمەر 2 – ئايەت].

الله ﷻ شۇنداق دەيدۇ:

{ قُلْ إِنِّي أُمِرْتُ أَنْ أَعْبُدَ اللَّـهَ مُخْلِصًا لَّهُ الدِّينَ}

« ئېيتقىنكى، <مەن دىننى الله ئۈچۈن خالىس قىلغان ھالدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدۇم>» [سۈرە زۇمەر 11 – ئايەت].

الله ﷻ شۇنداق دەيدۇ:

{ قُلِ اللَّـهَ أَعْبُدُ مُخْلِصًا لَّهُ دِينِي}

« ئېيتقىنكى، <دىنىمنى الله ئۈچۈن خالىس قىلغان ھالدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىمەن>» [سۈرە زۇمەر 14 – ئايەت].

الله ﷻ شۇنداق دەيدۇ:

{إِنَّ الْمُنَافِقِينَ فِي الدَّرْكِ الْأَسْفَلِ مِنَ النَّارِ وَلَن تَجِدَ لَهُمْ نَصِيرًا ﴿١٤٥﴾ إِلَّا الَّذِينَ تَابُوا وَأَصْلَحُوا وَاعْتَصَمُوا بِاللَّـهِ وَأَخْلَصُوا دِينَهُمْ لِلَّـهِ فَأُولَـئِكَ مَعَ الْمُؤْمِنِينَ ۖ وَسَوْفَ يُؤْتِ اللَّـهُ الْمُؤْمِنِينَ أَجْرًا عَظِيمًا ﴿١٤٦﴾}

«مۇناپىقلار چوقۇم دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قەۋىتىگە (يەنى قەئرىگە) تاشلىنىدۇ، ئۇلارغا ھەرگىزمۇ (ئازابتىن قۇتقۇزىدىغان) مەدەتكار تاپالمايسەن (145) پەقەت (مۇناپىقلىقتىن) تەۋبە قىلغان، (ئەمەللىرىنى) تۈزەتكەن، الله (نىڭ كىتابى) قا چىڭ يېپىشقان، دىننى الله ئۈچۈن خالىس قىلغان (يەنى قىلغان ئەمەلىدىن پەقەت الله ﷻ نىڭ رازىلىقىنى كۆزلىگەن) كىشىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئەنە شۇلار مۇئمىنلەر بىلەن بىللە (يەنى ئۇلارنىڭ قاتارىدا) دۇر. الله مۇئمىنلەرگە (ئاخىرەتتە جەننەتتىن ئىبارەت) بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىدۇ (146)» [سۈرە زۇمەر 14 – ئايەت].

مۇشۇ مەنىدىكى باشقا ئايەتلەرمۇ بار.

«سەھىھۇل بۇخارى»دا رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ ﷺ: «قىيامەت كۈنى مېنىڭ شاپائىتىم بىلەن ئەڭ خۇشال بولىدىغان كىشى <لا إله إلا اللە>نى چىن قەلبىدىن ياكى ۋۇجۇدىدىن، ئىخلاس بىلەن ئېيتقان كىشىدۇر» دېگەن.

يەنە، «سەھىھۇل بۇخارى»دا ئۇتبان ئىبنى مالىك رضي الله عنه دىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ ﷺ: «الله عز وجل ئۇنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ <لا إله إلا اللە> دېگەن كىشىگە دوزاخنى ھارام قىلدى» دېگەن.

«جامىئۇت تىرمىزى»دا، ئەبۇ ھۇرەيرە رضي الله عنه دىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ ﷺ شۇنداق دېگەن: «قانداق بىر بەندە چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانغان ھالدا، ئىخلاس بىلەن <لا إله إلا اللە> دېسە، تاكى شۇ كەلىمە ئەرشكە يېتىپ بارغۇچە، ئاسمان – زېمىننىڭ ئىشىكلىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېچىلىپ تۇرىدۇ» [تىرمىزى 3590 – ھەدىس، ھەسەن].

 

يەتتىنچى شەرت: «المحبة» ـــ مۇھەببەت (ياخشى كۆرۈش)

بۇ «لا إله إلا اللە» كەلىمىسىگە مۇھەببەت باغلاش بولۇپ، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە مۇشۇ كەلىمىنىڭ تەلەپ قىلغىنى بويىچە ئەمەل قىلغان، ئۇنىڭ شەرتلىرىگە رىئايە قىلغان كىشىلەرنى ياخشى كۆرۈشنى؛ ۋە بۇ كەلىمىنىڭ تەلەپلىرىگە خىلاپلىق قىلغان كىشىلەرنى ئۆچ كۆرۈشنى تەقەززا قىلىدۇ.

الله ﷻ شۇنداق دەيدۇ:

{ وَمِنَ النَّاسِ مَن يَتَّخِذُ مِن دُونِ اللَّـهِ أَندَادًا يُحِبُّونَهُمْ كَحُبِّ اللَّـهِ ۖ وَالَّذِينَ آمَنُوا أَشَدُّ حُبًّا لِّلَّـهِ}

«كىشىلەردىن بەزىلىرى الله تىن باشقىلارنى الله قا شېرىك قىلىۋېلىپ، ئۇلارنى الله نى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرىدۇ. مۇئمىنلەر بولسا الله نى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرگۈچىلەردۇر» [سۈرە بەقەرە 165 – ئايەت].

الله ﷻ شۇنداق دەيدۇ:

{يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا مَن يَرْتَدَّ مِنكُمْ عَن دِينِهِ فَسَوْفَ يَأْتِي اللَّـهُ بِقَوْمٍ يُحِبُّهُمْ وَيُحِبُّونَهُ أَذِلَّةٍ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ أَعِزَّةٍ عَلَى الْكَافِرِينَ يُجَاهِدُونَ فِي سَبِيلِ اللَّـهِ وَلَا يَخَافُونَ لَوْمَةَ لَائِمٍ}

«ئى مۇئمىنلەر! سىلەردىن كىمكى مۇرتەد بولىدىكەن، الله (ئۇنىڭ ئورنىغا) الله ئۇلارنى ياخشى كۆرىدىغان، ئۇلارمۇ الله نى ياخشى كۆرىدىغان، مۇئمىنلەرگە كۆيۈنىدىغان، كاپىرلارغا شەپقەتسىز، الله نىڭ يولىدا جىھاد قىلىدىغان ۋە مالامەت قىلغۇچىنىڭ مالامىتىدىن قورقمايدىغان بىر قەۋمنى كەلتۈرىدۇ» [سۈرە مائىدە 54 – ئايەت].

الله ﷻ ئۆزىگە ئىبادەت قىلغۇچى مۇئمىنلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىزگە خەۋەر قىلدى. چۈنكى، مۇئمىنلەر الله ﷻ غا بولغان مۇھەببىتىدە ئۇنىڭغا ھېچكىمنى شېرىك قىلمايدۇ. ئەمما، مۇشرىكلار ئۆزلىرىنىڭ الله ﷻ نى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىشسىمۇ، باشقىلارنى الله ﷻ غا شېرىك قىلىۋېلىپ، شۇ باتىل مەبۇدلارنى الله ﷻ نى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرۈشىدۇ.

الله ﷻ نىڭ بەندىلىرىنىڭ ئۆز رەببىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى شۇكى، ئۇلار الله ﷻ ياخشى كۆرگەننى ـــ ئۆز نەپسى ئۇنى خالىمىغان تەقدىردىمۇ ــــ ياخشى كۆرىدۇ ۋە الله ﷻ ئۆچ كۆرگەننى ـــ ئۆز نەپسى خاھىشى شۇنىڭغا مايىل بولغان تەقدىردىمۇ ـــ ئۆچ كۆرىدۇ. الله ﷻ نىڭ بەندىلىرى الله ﷻ ۋە رەسۇلۇللاھ ﷺ كىمنى ياخشى كۆرگەن بولسا، شۇنى ياخشى كۆرىدۇ؛ الله ﷻ ۋە رەسۇلۇللاھ ﷺ كىمنى دۈشمەن تۇتقان بولسا، شۇنى ئۆچ كۆرىدۇ. ئۇ (يەنى الله ﷻ نى ياخشى كۆرگۈچى بەندە) رەسۇلۇللاھ ﷺ غا ئەگىشىدۇ، ئۇنىڭ ئۆرنەكلىرىنى دورايدۇ ۋە ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى «مۇھەببەت»نىڭ شەرتلىرىدىندۇر. يۇقىرىقى شەرتلەرنى ھازىرلىماي تۇرۇپ، «مۇھەببەت»تىن سۆز ئېچىش مۇمكىن بولمايدۇ.

الله ﷻ شۇنداق دەيدۇ:

{ أَرَأَيْتَ مَنِ اتَّخَذَ إِلَـهَهُ هَوَاهُ أَفَأَنتَ تَكُونُ عَلَيْهِ وَكِيلًا}

«ئېيتىپ باقساڭچۇ؟ نەپسى خاھىشىنى ئىلاھ قىلىۋالغان ئادەمگە ھامىي بولالامسەن؟» [سۈرە فۇرقان 43 – ئايەت].

الله ﷻ شۇنداق دەيدۇ:

{أَفَرَأَيْتَ مَنِ اتَّخَذَ إِلَـهَهُ هَوَاهُ وَأَضَلَّهُ اللَّـهُ عَلَى عِلْمٍ وَخَتَمَ عَلَى سَمْعِهِ وَقَلْبِهِ وَجَعَلَ عَلَى بَصَرِهِ غِشَاوَةً فَمَن يَهْدِيهِ مِن بَعْدِ اللَّـهِ}

«(ئى مُحَمَّدٌ ﷺ!) ماڭا نەپسى خاھىشنى ئىلاھ قىلىۋالغان، الله ئازدۇرغان، (ھەقنى) بىلىپ تۇرغان، الله قۇلىقىنى ۋە قەلبىنى پېچەتلىۋەتكەن ۋە كۆزىنى پەردىلىگەن ئادەمنى ئېيتىپ بەرگىن، الله ئازدۇرغاندىن كېيىن، ئۇنى كىم ھىدايەت قىلالايدۇ؟» [سۈرە جاسىيە 23 – ئايەت].

شۇ ۋەجىدىن، الله ﷻ غا قوشۇپ باشقا نەرسىلەرگە ئىبادەت قىلغان ھەرقانداق كىشى ئەمەلىيەتتە ئۆز نەپسى خاھىشىغا ئىبادەت قىلغان (يەنى نەپسى خاھىشىنى ئىلاھ قىلىۋالغان) بولىدۇ. بەندە سادىر قىلغان ۋە شۇ ئارقىلىق الله ﷻ غا ئاسىي بولغان ھەربىر گۇناھنىڭ سەۋەبى، الله ﷻ نىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، ئۇنىڭ چەكلىمىلىرىدىن يېنىشنىڭ ئورنىغا، ئۆزىنىڭ نەپسى خاھىشىغا بويسۇنغانلىقتۇر.

الله ﷻ ئۆزى ئۈچۈن ياخشى كۆرۈش ۋە ئۆزى ئۈچۈن ئۆچ كۆرۈش ھەققىدە شۇنداق دەيدۇ:

{قَدْ كَانَتْ لَكُمْ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ فِي إِبْرَاهِيمَ وَالَّذِينَ مَعَهُ إِذْ قَالُوا لِقَوْمِهِمْ إِنَّا بُرَآءُ مِنكُمْ وَمِمَّا تَعْبُدُونَ مِن دُونِ اللَّـهِ كَفَرْنَا بِكُمْ وَبَدَا بَيْنَنَا وَبَيْنَكُمُ الْعَدَاوَةُ وَالْبَغْضَاءُ أَبَدًا حَتَّى تُؤْمِنُوا بِاللَّـهِ وَحْدَهُ}

«ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ بىللە بولغانلار (يەنى مۇئمىنلەر) سىلەرگە ھەقىقەتەن ئوبدان نەمۇنىدۇر، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار قەۋمىگە: <ھەقىقەتەن بىز سىلەردىن ۋە سىلەر الله نى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقان نەرسىلىرىڭلاردىن ئادا – جۇدامىز، بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىك تاكى سىلەر يالغۇز بىر الله قا ئىمان ئېيتقىنىڭلارغا قەدەر ئەبەدىي ساقلىنىپ قالىدۇ> دېدى» [سۈرە مۇمتەھىنە 4 – ئايەت].

الله ﷻ شۇنداق دەيدۇ:

{ لَّا تَجِدُ قَوْمًا يُؤْمِنُونَ بِاللَّـهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ يُوَادُّونَ مَنْ حَادَّ اللَّـهَ وَرَسُولَهُ وَلَوْ كَانُوا آبَاءَهُمْ أَوْ أَبْنَاءَهُمْ أَوْ إِخْوَانَهُمْ أَوْ عَشِيرَتَهُمْ ۚ أُولَـئِكَ كَتَبَ فِي قُلُوبِهِمُ الْإِيمَانَ}

« الله قا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بىر قەۋمنىڭ الله بىلەن ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن قارشىلاشقانلارنى – ئۇلارنىڭ ئانىلىرى، ئوغۇللىرى، يا قېرىنداشلىرى، يا ئۇرۇق – تۇغقانلىرى بولغان تەقدىردىمۇ – دوست تۇتقانلىقىنى كۆرمەيسەن (يەنى ئۇلارنى دوست تۇتۇشى مۇمكىن ئەمەس)، الله ئەنە شۇلارنىڭ دىللىرىدا ئىماننى مەھكەم قىلدى» [سۈرە مۇجادىلە 22 – ئايەت].

الله ﷻ شۇنداق دەيدۇ:

{يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَتَّخِذُوا الْيَهُودَ وَالنَّصَارَى أَوْلِيَاءَ ۘ بَعْضُهُمْ أَوْلِيَاءُ بَعْضٍ ۚ وَمَن يَتَوَلَّهُم مِّنكُمْ فَإِنَّهُ مِنْهُمْ ۗ إِنَّ اللَّـهَ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ}

«ئى مۇئمىنلەر! يەھۇدىي ۋە ناسارالارنى دوست تۇتماڭلار. ئۇلار بىر – بىرىنى دوست تۇتىدۇ. سىلەردىن كىمكى ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئۇمۇ ئەنە شۇلاردىن سانىلىدۇ» [سۈرە مائىدە 51 – ئايەت].

الله ﷻ شۇنداق دەيدۇ:

{يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَتَّخِذُوا آبَاءَكُمْ وَإِخْوَانَكُمْ أَوْلِيَاءَ إِنِ اسْتَحَبُّوا الْكُفْرَ عَلَى الْإِيمَانِ ۚ وَمَن يَتَوَلَّهُم مِّنكُمْ فَأُولَـئِكَ هُمُ الظَّالِمُونَ ﴿٢٣﴾ قُلْ إِن كَانَ آبَاؤُكُمْ وَأَبْنَاؤُكُمْ وَإِخْوَانُكُمْ وَأَزْوَاجُكُمْ وَعَشِيرَتُكُمْ وَأَمْوَالٌ اقْتَرَفْتُمُوهَا وَتِجَارَةٌ تَخْشَوْنَ كَسَادَهَا وَمَسَاكِنُ تَرْضَوْنَهَا أَحَبَّ إِلَيْكُم مِّنَ اللَّـهِ وَرَسُولِهِ وَجِهَادٍ فِي سَبِيلِهِ فَتَرَبَّصُوا حَتَّى يَأْتِيَ اللَّـهُ بِأَمْرِهِ ۗ وَاللَّـهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الْفَاسِقِينَ ﴿٢٤﴾}

«ئى مۇئمىنلەر! ئەگەر ئاتىلىرىڭلار، قېرىندىشىڭلار ئىماندىن كۇفرىنى ئارتۇق كۆرسە (كۇفرىدا مەھكەم تۇرسا)، ئۇلارنى دوست تۇتماڭلار. ئىچىڭلاردىن كىملەركى ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئۇلار زالىملاردۇر (يەنى ئۇلارغا ئوخشاش مۇشرىكتۇر، چۈنكى مۇشرىكلىككە رازى بولغان ئادەممۇ مۇشرىك ھېسابلىنىدۇ) (23) ئېيتقىنكى، <ئەگەر سىلەرنىڭ ئاتاڭلار، ئوغۇللىرىڭلار، قېرىندىشىڭلار، خوتۇنلىرىڭلار، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىڭلار (ھەمدە ئۇلاردىن باشقىلار)، تاپقان پۇل – ماللىرىڭلار، ئاقماي قېلىشىدىن قورققان تىجارىتىڭلار، ياخشى كۆرىدىغان ئۆيلىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن الله تىن، الله نىڭ پەيغەمبىرىدىن ۋە الله نىڭ يولىدا جىھاد قىلىشتىنمۇ سۆيۈملۈك بولسا (يەنى شۇلار بىلەن بولۇپ كېتىپ، الله نىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم بەرمىسەڭلار)، ئۇ ھالدا سىلەر تاكى الله نىڭ ئەمرى كەلگۈچە كۈتۈڭلار، الله پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ» (24)» [سۈرە تەۋبە].

الله ﷻ شۇنداق دەيدۇ:

{يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَتَّخِذُوا عَدُوِّي وَعَدُوَّكُمْ أَوْلِيَاءَ}

« ئى مۇئمىنلەر، مېنىڭ دۈشمىنىمنى ۋە سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلارنى دوست تۇتماڭلار» [سۈرە مۇمتەھىنە 1 – ئايەت].

رەسۇلۇللاھ ﷺ غا ئەگىشىش

الله ﷻ رەسۇلۇللاھ ﷺ غا ئەگىشىشنىڭ شەرتلىرى توغرىسىدا شۇنداق دېگەن:

{قُلْ إِن كُنتُمْ تُحِبُّونَ اللَّـهَ فَاتَّبِعُونِي يُحْبِبْكُمُ اللَّـهُ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْ ۗ وَاللَّـهُ غَفُورٌ رَّحِيمٌ}

«(ئى مُحَمَّدٌ ﷺ! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، <ئەگەر سىلەر الله نى ياخشى كۆرسەڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، الله سىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ. گۇناھىڭلارنى مەغفىرەت قىلىدۇ. الله ئەڭ مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر، ئەڭ مېھرىباندۇر>» [سۈرە ئال ئىمران 31 – ئايەت].

رەسۇلۇللاھ ﷺ شۇنداق دېگەن:

«ثَلَاثٌ مَن كُنَّ فيه وجَدَ حَلَاوَةَ الإيمَانِ: أنْ يَكونَ اللَّهُ ورَسولُهُ أحَبَّ إلَيْهِ ممَّا سِوَاهُمَا، وأَنْ يُحِبَّ المَرْءَ لا يُحِبُّهُ إلَّا لِلَّهِ، وأَنْ يَكْرَهَ أنْ يَعُودَ في الكُفْرِ كما يَكْرَهُ أنْ يُقْذَفَ في النَّار»

«كىمدە ئۈچ خىسلەت بولسا، ئۇ ئىماننىڭ ھالاۋىتىنى تېتىغان بولىدۇ. ئۇلار: الله ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ئۇنىڭغا باشقا ھەممىدىن سۆيۈملۈك بولۇشى، بىراۋنى ياخشى كۆرسە پەقەت الله ئۈچۈنلا ياخشى كۆرۈشى ۋە كۇفرىغا يېنىشنى ئوتقا تاشلانغاندىنمۇ بەك يامان كۆرۈشىدۇر» [سەھىھۇل بۇخارى ۋە سەھىھۇل مۇسلىمدا ئەنەس رضي الله عنه دىن رىۋايەت قىلىنغان].

شۇنداقلا، ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم ئەنەس ۋە ئەبۇھۇرەيرە رضي الله عنهما دىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ ﷺ شۇنداق دېگەن: «مەن سىلەردىن بىرىڭلارغا ئۇنىڭ ئوغلىدىن، دادىسىدىن ۋە بارلىق ئىنسانلاردىن سۆيۈملۈك بولمىغۇچە، ئۇ ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ».

ئەگەر الله نىڭ بەندىسى الله نىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، الله چەكلىگەن نەرسىدىن يىراق تۇرسا ـــ گەرچە نەپسى شۇنىڭ ئەكسىنى ئارزۇ قىلغان تەقدىردىمۇ ـــ ئۇ ھەقىقىي مۇئمىندۇر.

بىر سەھىھ ھەدىستە: «ئىماننىڭ ئەڭ مۇستەھكەم تۇتقۇسى الله ئۈچۈن ياخشى كۆرۈش ۋە الله ئۈچۈن ئۆچ كۆرۈشتۇر» دېيىلگەن.

ئەمما، دەۋرىمىزدە ئومۇملاشقىنى دۇنياۋى ئىشلار ئاساسىغا ئورنىتىلغان قېرىنداشلىق بولۇپ، بۇنداق قېرىنداشلىق (ۋە ياخشى كۆرۈشلەر) ساھىبىغا ھېچقانداق مەنپەئەت ئېلىپ كەلمەيدۇ.

سەلەف سالىھلاردىن ئىمام ھەسەن ئەلبەسرى ۋە باشقىلار شۇنداق دېگەن: بەزى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ الله ﷻ نى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى داۋا قىلىشىۋىدى، الله ئۇلارنى مۇنۇ ئايەت بىلەن سىنىدى،

{قُلْ إِن كُنتُمْ تُحِبُّونَ اللَّـهَ فَاتَّبِعُونِي يُحْبِبْكُمُ اللَّـهُ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْ ۗ وَاللَّـهُ غَفُورٌ رَّحِيمٌ ﴿٣١﴾ قُلْ أَطِيعُوا اللَّـهَ وَالرَّسُولَ ۖ فَإِن تَوَلَّوْا فَإِنَّ اللَّـهَ لَا يُحِبُّ الْكَافِرِينَ ﴿٣٢﴾}

«(ئى مُحَمَّدٌ! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، <ئەگەر سىلەر الله نى ياخشى كۆرسەڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، الله سىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ. گۇناھىڭلارنى مەغفىرەت قىلىدۇ. الله ئەڭ مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر، ئەڭ مېھرىباندۇر> (31) ئېيتقىنكى، «الله قا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار». ئەگەر ئۇلار (ئىتائەت قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈسە، الله كاپىرلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ (32)» [سۈرە ئال ئىمران].

ئىمام بۇخارى رحمه الله شۇنداق دېگەن: مُحَمَّدٌ ئىبنى سىنان بىزگە فەلقتىن، ئۇ ھىلال ئىبنى ئەلىدىن، ئۇ ئەتا ئىبنى ياساردىن، ئۇ ئەبۇ ھۇرەيرە رضي الله عنه دىن رىۋايەت قىلىپ ئېيتتىكى، رەسۇلۇللاھ ﷺ: «ئۈممىتىمدىن رەت قىلغۇچىلاردىن باشقا ھەممىسى جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەندە، ساھابىلەر: «يا رەسۇلۇللاھ، كىممۇ (جەننەتكە كىرىشنى) رەت قىلسۇن؟» دەپ سورىغان، رەسۇلۇللاھ ﷺ جاۋابەن: «كىمكى ماڭا ئىتائەت قىلسا جەننەتكە كىرىدۇ؛ كىم ماڭا ئىتائەتسىزلىك قىلسا رەت قىلغان بولىدۇ» دېگەن (سەھىھۇلبۇخارى 7280 – ھەدىس، مۇسنەد ئەھمەد 361\2).

ئىمام بۇخارى ئېيتىدۇكى، مُحَمَّدٌ ئىبنى ئۇبادە بىزگە بىزگە شۇنداق خەۋەر بەردى، ئۇ سالىمدىن، ئۇ سەئىد ئىبن مىنادىن، ئۇ جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رضي الله عنه نىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى قىلغان:

«رەسۇلۇللاھ ﷺ ئۇخلاۋاتقاندا، بەزى پەرىشتىلەر ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى.

ئۇلارنىڭ بەزىلىرى <ئۇ ئۇخلاۋاتىدۇ> دېسە، يەنە بەزىلىرى <ئۇنىڭ كۆزى ئۇخلاۋاتىدۇ، لېكىن قەلبى ئويغاق> دېيىشتى.

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزئارا <سىلەرنىڭ بۇ ھەمراھىڭلار (رەسۇلۇللاھ ﷺ) توغرىسىدا بىر مىسال بار> دېيىشتى. ئاندىن ئۇلاردىن بەزىلىرى <ئۇنداقتا ئۇنىڭغا مىسال كەلتۈرۈڭلار> دېدى. ئۇلاردىن بەزىلىرى (يەنە) <ئۇ ئۇخلاۋاتىدۇ> دېيىشسە، بەزىلىرى <ئۇنىڭ كۆزى ئۇخلاۋاتىدۇ، لېكىن قەلبى ئويغاق> دېيىشتى.

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار <بۇ ئادەمنىڭ مىسالى بىر قەسىر بىنا قىلىپ، ئاندىن شۇ قەسىردە زىياپەت ھازىرلىغان ۋە بىر چاقىرغۇچىنى كىشىلەرنى تەكلىپ قىلىشقا ئەۋەتكەن كىشىنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ. كىم تەكلىپ قىلغۇچىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلسا، قەسىرگە كىرىپ زىياپەتتىن يەيدۇ. شۇنداقلا، كىم تەكلىپ قىلغۇچىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلمىسا، قەسىرگە كىرمەيدۇ ۋە زىياپەتتىن يېمەيدۇ> دېيىشتى.

ئاندىن پەرىشتىلەر <ئۇنىڭ چۈشىنىۋېلىشى ئۈچۈن، بۇ مىسالنى ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ قويۇڭلار> دېيىشتى. ئۇلاردىن بەزىلىرى (يەنە) <ئۇ ئۇخلاۋاتىدۇ> دېيىشسە، بەزىلىرى <ئۇنىڭ كۆزى ئۇخلاۋاتىدۇ، لېكىن قەلبى ئويغاق> دېيىشتى.

ئاندىن ئۇلار شۇنداق دېيىشتى: <قەسىر جەننەتتۇر، چاقىرغۇچى مُحَمَّدٌ (ﷺ) دۇر. كىم مُحَمَّدٌ (ﷺ) كە ئىتائەت قىلسا، الله قا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ؛ كىم مُحَمَّدٌ (ﷺ) كە ئىتائەتسىزلىك قىلسا، الله قا ئىتائەتسىزلىك قىلغان بولىدۇ. مُحَمَّدٌ كىشىلەرنى ئايرىيدۇ (يەنى رەسۇلۇللاھ ﷺ ئېلىپ كەلگەن شەرىئەت ئارقىلىق ياخشى بىلەن يامان، مۇئمىن بىلەن كاپىر ئايرىلىدۇ)» [«سەھىھۇل جامى» 2465 – نومۇر، ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان].

بۇ يەردە شۇ نەرسىنىمۇ بىلىشىمىز كېرەككى، «مُحَمَّدٌ الله نىڭ ئەلچىسىدۇر» دېگەن شاھادەت قوشۇلمىغۇچە، «لا إله إلا اللە» دېگەن شاھادەت كامىل بولمايدۇ.

يەنە شۇ نەرسىنىمۇ بىلىشىمىز كېرەككى، الله ﷻ ياخشى كۆرگەننى ياخشى كۆرۈپ، الله ﷻ ئۆچ كۆرگەننى ئۆچ كۆرمىگۈچە، الله ﷻ نى ياخشى كۆرۈش مۇكەممەل بولمايدۇ. الله ﷻ نىڭ نېمىلەرنى ياخشى كۆرۈپ، نېمىلەرنى يامان كۆرىدىغانلىقىنى بىلىشنىڭ بىردىنبىر يولى «رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇپ، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش»تۇر.

شۇ ۋەجىدىن، الله ﷻ نى ياخشى كۆرۈش رەسۇلۇللاھ ﷺ نى ياخشى كۆرۈشنى، ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرۈشنى ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىشنى تەقەززا قىلىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، قۇرئان كەرىمدىكى نۇرغۇن ئايەتلەردە، الله ﷻ نى ياخشى كۆرۈش رەسۇلۇللاھ ﷺ نى ياخشى كۆرۈشكە باغلانغان. مەسىلەن، الله ﷻ شۇنداق دېگەن:

{قُلْ إِن كَانَ آبَاؤُكُمْ وَأَبْنَاؤُكُمْ وَإِخْوَانُكُمْ وَأَزْوَاجُكُمْ وَعَشِيرَتُكُمْ وَأَمْوَالٌ اقْتَرَفْتُمُوهَا وَتِجَارَةٌ تَخْشَوْنَ كَسَادَهَا وَمَسَاكِنُ تَرْضَوْنَهَا أَحَبَّ إِلَيْكُم مِّنَ اللَّـهِ وَرَسُولِهِ وَجِهَادٍ فِي سَبِيلِهِ فَتَرَبَّصُوا حَتَّى يَأْتِيَ اللَّـهُ بِأَمْرِهِ ۗ وَاللَّـهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الْفَاسِقِينَ ﴿٢٤﴾}

«ئېيتقىنكى، <ئەگەر سىلەرنىڭ ئاتاڭلار، ئوغۇللىرىڭلار، قېرىندىشىڭلار، خوتۇنلىرىڭلار، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىڭلار (ھەمدە ئۇلاردىن باشقىلار)، تاپقان پۇل – ماللىرىڭلار، ئاقماي قېلىشىدىن قورققان تىجارىتىڭلار، ياخشى كۆرىدىغان ئۆيلىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن الله تىن، الله نىڭ پەيغەمبىرىدىن ۋە الله نىڭ يولىدا جىھاد قىلىشتىنمۇ سۆيۈملۈك بولسا (يەنى شۇلار بىلەن بولۇپ كېتىپ، الله نىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم بەرمىسەڭلار)، ئۇ ھالدا سىلەر تاكى الله نىڭ ئەمرى كەلگۈچە كۈتۈڭلار، الله پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ» [سۈرە تەۋبە 24 – ئايەت].

مۇشۇ نۇقتا تەكىتلەنگەن باشقا نۇرغۇن ئايەتلەر بار.

بارچە ھەمدۇ سانا الله قا خاستۇر. الله نىڭ رەھمەت سالامى ئاخىرقى پەيغەمبەر مُحَمَّدٌ ﷺ غا، ئۇنىڭ ئائىلىسىگە، ساھابىلىرىگە ۋە قىيامەتكىچە ئۇنىڭ ھىدايىتىگە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن.