رىيا توغرىسىدا ئىككى ھەدىس

ئىمام ئەھمەد مەھمۇد ئىبنى لۇبەيدنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: پەيغەمبەر ﷺ: «مەن سىلەر ئۈچۈن ئەڭ ئەنسىرەيدىغان ئىش كىچىك شېرىكتۇر» دېۋىدى، ساھابىلەر: «ئى رەسۇلۇللاھ! كىچىك شېرىك دېگەن نېمە؟» دېدى. پەيغەمبەر ﷺ: «(كىچىك شېرىك بولسا) رىيادۇر، ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە قىيامەت كۈنى ھەممە كىشىلەرنىڭ ئەمەل ـ ئىبادەتلىرىگە مۇكاپات بەرگەن ۋاقتىدا ئۇلارغا (يەنى رىيا قىلغانلارغا): سىلەر دۇنيادا ئەمەللىرىڭلارنى كۆرسەتكەن (رىيا قىلغان) كىشىلەرنىڭ قېشىغا بېرىڭلار، ئۇلارنىڭ يېنىدا (سىلەرگە بەرگۈدەك) مۇكاپات بارمىكىن، قاراپ بېقىڭلار! دەيدۇ» دېدى. [مۇسنەد ئەھمەد 23630 – ھەدىس، شەيخ شۇئەيىب ئارناۋۇت ھەسەن دەپ باھالىغان]

ئىمام ئەھمەد ئەنسارىلاردىن ئەبۇسەئىد ئىبنى ئەبۇفۇزەلا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ﷺ نىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «الله شەك يوق بولغان كۈن، قىيامەت كۈنى ئىلگىرىكىلەرنى ۋە كېيىنكىلەرنى توپلىغان چاغدا، بىرى: «كىمكى الله ئۈچۈن قىلغان ئەمەل ـ ئىبادەتلىرىدە باشقىسىنى شېرىك قىلغان بولسا، ئۇ مۇكاپاتىنى الله تىن باشقىسىدىن سورىسۇن. چۈنكى، الله شېرىكچىلىكتىن بىھاجەتتۇر،- دەپ ۋاقىرايدۇ». بۇ ھەدىسنى تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجەلەرمۇ رىۋايەت قىلغان.

«تەپسىر ئىبنى كەسىر» سۈرە كەھف تەپسىرىدىن ئېلىندى.

* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا – ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە – پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.