ئىككى ھەرەمنىڭ ئىمامى، ئەللامە شەيخ مۇھەممەد ئىبن سالىھ ئەلئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ «فەتەۋا ئەركانۇل ئىسلام» دېگەن كىتابىدىكى 227 – سوئال. «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
جاۋاب: بىراۋنىڭ مەسجىدتە ناماز ئوقۇۋاتقان، دىنىي ئىلىم ئۆگىنىۋاتقان ياكى قۇرئان ئوقۇۋاتقان باشقا كىشىلەرگە دەخلى يەتكۈزگۈدەك دەرىجىدە ئۈنلۈك قۇرئان ئوقۇشى ھارام. چۈنكى، بۇنداق قىلغۇچى رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ چەكلىگەن بىر ئىشنى قىلغان بولىدۇ.
بۇ ھەقتە ئىمام مالىك ئۆزىنىڭ «ئەلمۇۋەتتا» دېگەن ھەدىسلەر توپلىمىدا فەرۋە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ كىشىلەر ناماز ئوقۇۋاتقاندا ئۇلارنىڭ يېنىغا چىقتى. شۇ چاغدا ئۇلار ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ قىرائەت قىلىۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ
«أَلَا إِنَّ كُلَّكُمْ مُنَاجٍ رَبَّهُ، فَلَا يُؤْذِيَنَّ بَعْضُكُمْ بَعْضًا، وَلَا يَرْفَعْ بَعْضُكُمْ عَلَى بَعْضٍ فِي الْقِرَاءَةِ»
«دەرۋەقە، ناماز ئوقۇغۇچى نامىزىدا ئاللاھقا نىدا قىلىۋاتقان بولىدۇ، شۇڭا بەزىلىرىڭلار بەزىلىرىڭلارغا ئەرزىيەت يەتكۈزمىسۇن. بەزىلىرىڭلار قۇرئاننى بەزىلىرىڭلاردىن ئۈنلۈك ئوقۇمىسۇن» دېدى.
بۇ ھەقتە ئىمام ئەبۇداۋۇدمۇ ئۆزىنىڭ ھەدىس توپلىمىدا ئەبۇسەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن يۇقىرىقىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ھەدىس رىۋايەت قىلغان [ئەبۇداۋۇد «ناماز كىتابى» ــ «تەھەججۇد نامىزىدا ئاۋازنى يۇقىرى كۆتۈرۈش» بابى (1332)].
ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ يېنىدا «قۇرئان كەرىم»نى ئۈنلۈك ئوقۇشنىڭ ھۆكمى بۇ بولسا، باشقا قۇرۇق پاراڭلار بىلەن ناماز ئوقۇۋاتقانلارنىڭ دىققىتىنى چاچقانلارغا نېمە دېگۈلۈك؟؟؟ ئاللاھ تەئالا ھەممىمىزنى ئىسلاھ قىلغاي!
