دوزاخنىڭ چوڭلۇقى ۋە ھارارىتىنىڭ زىيادە كۈچلۈكلۈكى

1.     ئىمام مۇسلىم ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىياللاھۇ ئەنھۇ دىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇنداق دېگەن:

«يُؤْتَى بِجَهَنَّمَ يَوْمَئِذٍ لَهَا سَبْعُونَ أَلْفَ زِمَامٍ، مَعَ كُلِّ زِمَامٍ سَبْعُونَ أَلْفَ مَلَكٍ يَجُرُّونَهَا»

«ئۇ كۈنى جەھەننەم يەتمىش مىڭ ئارقانى بار ھالەتتە كېلىدۇ، ھەربىر ئارقاننى يەتمىش مىڭ پەرىشتە سۆرەيدۇ»[1].

2.    «سەھىھۇل بۇخارى» ۋە «سەھىھۇل مۇسلىم»دا ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىياللاھۇ ئەنھۇ دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇنداق دېگەن: «نَارُكُمْ هَذِهِ الَّتِي ‌يُوقِدُ ‌ابْنُ ‌آدَمَ جُزْءٌ مِنْ سَبْعِينَ جُزْءًا مِنْ حَرِّ جَهَنَّمَ» «ئادەم بالىسى يېقىۋاتقان شۇ ئوتۇڭلار جەھەننەم ئوتىنىڭ يەتمىشتىن بىر پارچىسىدۇر» دېۋىدى، ساھابىلەر: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مۇشۇمۇ يېتەرلىك ئىدى، ئى رەسۇلۇللاھ!» دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «فَإِنَّهَا فُضِّلَتْ عَلَيْهَا بِتِسْعَةٍ وَسِتِّينَ جُزْءًا، كُلُّهَا مِثْلُ حَرِّهَا» «ھەقىقەتەن جەھەننەم ئوتى مۇشۇنىڭدىن 69 ھەسسە ئارتۇق بولۇپ، ھەربىر ھەسسىسىىنىڭ ھارارىتى مۇشۇنىڭچىلىكتۇر» دېدى[2].

3.      ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىياللاھۇ ئەنھۇ دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە ئىدۇق، تۇيۇقسىز بىر نەرسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدۇق. رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «‌أَتَدْرُونَ ‌مَا ‌هَذَا؟» «بۇنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىلەر؟» دېگەنىدى، بىز: «ئاللاھ ۋە رەسۇلى ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر» دېدۇق. رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «‌هَذَا ‌حَجَرٌ ‌أُرْسِلَ ‌فِي ‌جَهَنَّمَ ‌مُنْذُ ‌سَبْعِينَ ‌خَرِيفًا، فَالْآنَ انْتَهَى إِلَى قَعْرِهَا» «بۇ يەتمىش يىل ئىلگىرى جەھەننەمگە ئېتىلغان تاش بولۇپ، ئەمدى جەھەننەمگە تېگىگە يېتىپ باردى» دېدى[3]

[1] مۇسلىم 2842.

[2] مۇسلىم 2843.

[3] مۇسلىم 2844.