قۇرئاننىڭ تەرجىمىسىنى ئوقۇشنىڭ ئەجرى

 دۇنياغا مەشھۇر ئەھلى سۈننەت پەتىۋا تور بېتى ئىسلام سوئال – جاۋابلىرى تورىدىكى 2589 – نومۇرلۇق سوئال. مەزكۇر پەتىۋا شۇ تور بەتنىڭ ئۇيغۇرچە سەھىپىسىدىن ئېلىندى.

سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن:  «كىمكى ئاللاھنىڭ كىتابىدىن بىر ھەرپنى ئوقۇسا، بىر ياخشىلىققا (مۇكاپاتقا) ئىگە بولىدۇ، ھەمدە ھەر بىر ياخشىلىق ئون ھەسسىلىنىدۇ. مەن <ئەلىف لام مىم>نى بىر ھەرپ دېمەيمەن، بەلكى ئەلف بىر ھەرپ ، لام بىر ھەرپ ، مىم بىر ھەرپتۇر.» مەن شۇنى بىلمەكچىمەنكى، بۇ ھەدىس ئۆزىنىڭ ئوقۇۋاتقىنىنى ھەقىقىي چۈشىنىش ئۈچۈن قۇرئاننىڭ باشقا تىللاردىكى (مەسىلەن ئۇيغۇرچە) تەرجىمىسىنى ئوقۇغۇچىلارغىمۇ تەدبىقلىنامدۇ؟ رەھمەت!

جاۋاب: بارچە ھەمدۇ – سانا ئاللاھقا خاستۇر.

بىز ئاللاھتىن قىزىقىشىڭىز ئۈچۈن سىزنى مۇكاپاتلىشىنى سورايمىز. سوئالىڭىزنىڭ جاۋابىغا كەلسەك، ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان ئەجىر قۇرئان مەنىلىرىنىڭ باشقا تىللاردىكى تەرجىمىسىنى ئوقۇغۇچىغا ئەمەس، پەقەت قۇرئاننىڭ ئۆزىنى (يەنى ئەرەبچە قۇرئاننى) ئوقۇغۇچىغىلا قارىتىلغان. شۇنداقتىمۇ بىر ئادەم قۇرئاننىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش، شۇنداقلا ئايەتتە زىكىر قىلىنغان مەزمۇندىن مەنپەئەتلىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭ مەنە تەرجىمىسىنى ئوقۇسا، ئۇمۇ بۇنىڭ ئۈچۈن ئەجىرگە ئېرىشىدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭغا مۇكاپات بېرىدۇ. چۈنكى، مۇسۇلمان قۇرئاننىڭ تەپسىرىنى ئوقۇش بىلەن ئەجىرگە ئېرىشىدۇ ، تەرجىمىمۇ تەپسىر قاتارىدا ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، تەرجىمىنى ئوقۇغۇچى ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان ئەجىرنىڭ دەل ئۆزىگە ئېرىشىدۇ دەيدىغانغا دەلىل يوق . ئاللاھنىڭ سېخىيلىقى (پەزلى) كاتتىدۇر.

ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلىگۈچىدۇر. 

 

پەتىۋا بەرگۈچى: پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ مۇنەججىد

* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا – ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە – پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.