سوئال: «مَن رضي من الله بالقليل من الرزق : رضي الله منه بالقليل من العمل» «كىمكى ئاللاھ بەرگەن ئازغىنە رىزىققا رازى بولسا، ئاللاھ ئۇنىڭ ئازغىنە (سالىھ) ئەمەلىگە رازى بولىدۇ» دېگەن ھەدىس سەھىھمۇ؟
ئىسلام سوئال – جاۋابلىرى تورىدىكى 12935 – نومۇرلۇق سوئال. «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
جاۋاب:
بارچە ھەمدۇ – سانا ئاللاھقا خاستۇر.
بۇ ھەدىسنى ئىمام بەيھەقى «شۇئەب ئەلئىمان»دا (7/204) رىۋايەت قىلغان.
بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدى (رىۋايەت قىلغۇچىلار زەنجىرى)دە ئىسھاق ئىبنى مۇھەممەد ئەلفەراۋى بار بولۇپ، ئۇنى نەسائىي، ئەبۇداۋۇد ۋە داراقۇتنى قاتارلىق مۇھەددىسلەر «زەئىپ» دېگەن [«مىزان ئەلئىتىدال»، 1/351; «تەھسىب ئەلتەھرىب»، 1/217].
بۇ ھەدىسنى يەنە ئىمام ئىراقى «تەخرىج ئەلئىھيا» (4/434)دا «زەئىپ» دېگەن.
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا – ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە – پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.
