دۇنياغا مەشھۇر ئەھلى سۈننەت پەتىۋا تور بېتى «ئىسلام سوئال – جاۋابلىرى تورى»دىكى 2986 – نومۇرلۇق پەتىۋا. «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
سوئال: مۇسۇلماننىڭ تاكسى ھەيدىشى دۇرۇسمۇ؟ چۈنكى، تاكسىدا نامەھرەم ئاياللار بىلەن يالغۇز قالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ.
جاۋاب:
رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ مۇنداق دېگەن:
«لا يَخْلُوَنَّ رَجُلٌ بِامْرَأَةٍ إِلا كَانَ ثَالِثَهُمَا الشَّيْطَانُ»
«قانداق بىر ئەركىشى (نامەھرەم) بىر ئايال بىلەن يالغۇز قالسا، شەيتان ئۇلارنىڭ ئۈچىنچىسى بولىدۇ.»
[ئىمام ئەھمەد ۋە ئىمام تىرمىزى (2091) توپلىغان؛ سەھىھۇلجامى 2546-ھەدىس، سەھىھ]
ئاللاھ تەئالا يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسىدە مۇنداق دېگەن (تەرجىمە مەنىسى): {يۇسۇف تۇرۇۋاتقان ئۆيدىكى ئايال (يەنى زۇلەيخا) يۇسۇفتىن ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى، ئۇ ئىشىكلەرنى تاقىۋېتىپ: «بېرى كەل» دېدى.} [يۇسۇف سۈرىسى 23 – ئايەت]
مەيلى ئۆيدە، ئىشخانىدا، دوختۇرخانىدا، لىفىتتا، ماشىنىدا ياكى باشقا ھەرقانداق يەردە بولسۇن، ئەر كىشىنىڭ نامەھرەم ئايال كىشى بىلەن يالغۇز قېلىشى دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى، بۇ ئۇنىڭ بەزى ھارام ئىشلارنى سادىر قىلىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. شەيتان كىشىلەرنى ئازدۇرۇشقا ھەمدە ئۇلارغا ھارام ئىشلارنى قىلغۇزۇشقا ھېرىسمەندۇر. فىقھىشۇناس ئالىملار ئەر كىشىنىڭ نامەھرەم ئايال كىشى بىلەن خىلۋەتتە قېلىشىنىڭ ھارام ئىكەنلىكى ھەققىدە ئىتتىپاققا كەلگەن.
ھەتتا، ئەر كىشى قۇرئان ئۆگىتىش ياكى نامازدا ئىماملىق قىلىش دېگەندەك ئىشلاردىمۇ، نامەھرەم ئايال بىلەن يالغۇز قالماسلىقى كېرەك. «فەتھۇل بارى»دا (9/333) كۆرسىتىلگىنىدەك، نامەھرەم ئەر – ئايال باشقىلار ئۇلارنى كۆرەلمەيدىغان ھەرقانداق بىر يەردە يالغۇز قالسا، بۇ چەكلەنگەن خىلۋەتتە قېلىش ھېسابلىنىدۇ. تاكسى شوپۇرىنىڭ ئادەمسىز كوچىلاردىن ياكى تاشيوللاردىن ئۆتمەي ئىلاجى يوق، «شوپۇر بىلەن تاكسىغا چىققان ئايال كىشى ئوتتۇرىسىدا چەكلەنگەن سۆھبەتلەر كۆرۈلمەيدۇ ياكى ئۇلار ئاللىقانداق ھارام ئىشلارنى قىلىشقا ۋەدىلىشىپ قويمايدۇ» دېگىلى بولمايدۇ. قانچىلىغان تراگېدىيەلەر، ئازابلىق ھېكايىلەر ۋە ئاپەتلەر شوپۇرلارنىڭ نامەھرەم ئاياللار بىلەن يالغۇز قېلىشىدىن كېلىپ چىققان! ھېكمەتكە تولغان ئىسلام شەرىئىتى خاتالىققا ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن بولغان ھەرقانداق ئىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بارچە زۆرۈر ئاگاھلاندۇرۇشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىر – بىرىگە نامەھرەم بولغان ئەر – ئاياللار يالغۇز قالىدىغان ھەرقانداق ئەھۋالدىن قەتئىي ساقلىنىش زۆرۈر. شۇڭا تاكسى شوپۇرى قاتناش ۋەقەسى دېگەندەك جىددىي ئەھۋال كۆرۈلمىگەنلا شارائىتتا، يالغۇز نامەھرەم ئايالنى ماشىنىسىغا چىقارماسلىقى كېرەك. كۈچ – قۇۋۋەت ئاللاھتىندۇر.
