سەھىھ ھەدىس | دىندا ئوتتۇراھال بولۇش توغرىسىدا

ئەبۇ مۇھەممەد ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس ‌رَضِيَ ‌اللَّهُ ‌عَنْهُما دىن رىۋايەت قىلىنىدۇ، مېنىڭ «الله بىلەن قەسەمكى، ھاياتلا بولسام ھەركۈنى روزا تۇتىمەن ۋە ھەركېچىسى ناماز ئوقۇيمەن» دېگەن سۆزۈم رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ گە خەۋەر قىلىنىپتۇ. رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ مەندىن: «سەن شۇنداق دېدىڭمۇ؟» دەپ سورىدى. مەن: ئى الله نىڭ پەيغەمبىرى! ئاتا – ئانام سىلىگە پىدا بولسۇن، مەن ھەقىقەتەن شۇ گەپلەرنى قىلدىم، دېدىم.

 رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «شەكسىز سەن ئۇنداق قىلىشقا قادىر بولالمايسەن، بەزى كۈنلىرى روزا تۇتقىن ۋە بەزى كۈنلىرى روزىسىز يۈرگىن، كېچىنىڭ بىر قىسمىدا ئۇخلىغىن ۋە بىر قىسمىدا قوپۇپ ئىبادەت قىلغىن، (رامزاندىن باشقا) ھەر بىر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتقىن. ھەقىقەتەن بىر ياخشىلىققا ئون ھەسسە ساۋاب بېرىلىدۇ. ئاشۇنداق قىلىپ ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش يىل بويى روزا تۇتقانغا ئوخشاش ھېسابلىنىدۇ» دېدى. مەن: مەن ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇقراق قىلىشقا قادىر بولالايمەن، دېدىم. رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «ئۇنداق بولسا، بىر كۈن روزا تۇتۇپ، ئىككى كۈن تۇتمىغىن» دېدى. مەن: ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇقراق قىلىشقا قادىر بولالايمەن دېدىم. رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: « ئۇنداق بولسا بىر كۈن تۇتۇپ بىر كۈن تۇتما، ئاشۇ داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ روزىسى بولۇپ، ئەنە شۇ ئەڭ ئوتتۇرا ھال روزىدۇر» دېدى.

يەنە بىر رىۋايەتتە رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «ئۇ ئەڭ ئەۋزەل روزىدۇر» دېگەن.

مەن: ئۇنىڭدىنمۇ ئەۋزەلرەكىنى قىلىشقا قادىر بولالايمەن، دېدىم. رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «ئۇنىڭدىنمۇ ئەۋزەلرەكى يوق» دېدى. ئەمەلىيەتتە رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ ماڭا دېگەن ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشنى قوبۇل قىلغىنىم، مەن ئۈچۈن ئەھلىمدىن ۋە مال – بىساتىمدىن ياخشى بولار ئىكەن.

يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق دېيىلگەن: رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ ماڭا: «سېنى كۈندۈزى روزا تۇتۇپ، كېچىسى ئۇخلىماي ناماز ئوقۇيدىكەن دەپ ئاڭلىدىمغۇ؟» دېدى. مەن: شۇنداق، ئى الله نىڭ پەيغەمبىرى! دېدىم. رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «ئۇنداق قىلمىغىن، بەزى كۈنلىرى روزا تۇتقىن ۋە بەزى كۈنلىرى روزىسىز يۈرگىن، كېچىنىڭ بىر قىسمىدا ئۇخلىغىن ۋە بىر قىسمىدا قوپۇپ ئىبادەت قىلغىن. ھەقىقەتەن بەدىنىڭنىڭ سەندە ھەققى بار. كۆزۈڭنىڭمۇ سەندە ھەققى بار. ئايالىڭنىڭمۇ ۋە زىيارەت قىلىپ كەلگۈچىنىڭمۇ سەندە ھەققى بار. ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتساڭ ساڭا كۇپايە قىلىدۇ. ھەقىقەتەن بىر ياخشىلىققا ئون ھەسسە ساۋاب بېرىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ ھەرئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش يىل بويى روزا تۇتقانغا ئوخشاش ھېسابلىنىدۇ» دېدى. مەن بۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك تۇتۇشنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالغىنىم ئۈچۈن، ماڭا شۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك يۈكلەندى. مەن: ئى الله نىڭ پەيغەمبىرى! ھەقىقەتەن مەندە كۈچ – قۇۋۋەت بار، دېدىم. رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «سەن الله نىڭ پەيغەمبىرى داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ روزىسىنى تۇتقىن، ئۇنىڭدىن ئارتۇق قىلىۋەتمىگىن» دېدى. مەن داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ روزىسى قانداق ئىدى، دېدىم. رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: « بىر يىلنىڭ يېرىمىدا تۇتۇش (يەنى بىر كۈن تۇتۇپ، بىر كۈن تۇتماسلىق)» دېدى، دېيىلگەن.

ئابدۇللاھ قېرىغاندا مۇنداق دەيتتى: ھەي ئىسىت! مەن رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ رۇخسىتىنى (ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشنى) قوبۇل قىلسام بوپتىكەن.

يەنە بىر رىۋايەتتە رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ ماڭا: «سېنىڭ يىل بويى روزا تۇتىدىغانلىقىڭنى ۋە ھەر كېچىدە قۇرئاننى بىر قېتىم ئۆتكۈزىدىغانلىقىڭنى ئاڭلىدىمغۇ؟» دېدى. مەن: شۇنداق، ئى الله نىڭ پەيغەمبىرى! مەن بۇنىڭدىن پەقەت ياخشىلىقنىلا ئىرادە قىلدىم، دېدىم. رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «سەن داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ روزىسىنى تۇتقىن. ھەقىقەتەن ئۇ كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئىبادەتگۇيراقى ئىدى. قۇرئاننى ئايدا بىر قېتىم ئۆتكۈزگىن» دېدى. مەن: ئى الله نىڭ پەيغەمبىرى! مەن ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇقىغا تاقەت قىلالايمەن، دېدىم. رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: « ئۇنداقتا قۇرئاننى يىگىرمە كۈندە بىر قېتىم ئۆتكۈزگىن» دېدى. مەن: ئى الله نىڭ پەيغەمبىرى! مەن ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇقىغا تاقەت قىلالايمەن، دېدىم. رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «ئون كۈندە بىر قېتىم ئۆتكۈزگىن» دېدى. مەن: ئى الله نىڭ پەيغەمبىرى! مەن ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇقىغا تاقەت قىلالايمەن، دېدىم. رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: « يەتتە كۈندە بىر قېتىم ئۆتكۈزگىن، ئۇنىڭدىن ئاشۇرىۋەتمىگىن» دېدى. مەن بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىم ئۈچۈن ماڭا بۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك يۈكلەندى. رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ ماڭا: سەن بىلمەيسەن، ئېھتىمال سېنىڭ ئۆمرۈڭ ئۇزۇن بولۇشى مۇمكىن (قېرىغاندا تاقەت قىلالمايسەن)، دېدى. مەن كېيىن رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ دېگەن ياشقا يەتتىم. ياش چوڭايغاندا رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ رۇخسىتىنى قوبۇل قىلسامچۇ دەپ ئويلاپ كەتتىم.

يەنە بىر رىۋايەتتە: «سەندە بالىلىرىڭنىڭمۇ ھەققى بار» دېيىلگەن.

يەنە بىر رىۋايەتتە رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «يىل بويى روزا تۇتقان ئادەمنىڭ روزىسى روزا ھېسابلانمايدۇ» دېگەن سۆزنى ئۈچ تەكرارلىغان، دېيىلگەن.

يەنە بىر رىۋايەتتە: «الله تعالى غا ئەڭ سۆيۈملۈك روزا داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ روزىسىدۇر. الله تعالى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ناماز داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزىدۇر. ئۇ كېچىنىڭ يېرىمىغچە ئۇخلايتتى، ئاندىن قوپۇپ، ئۈچتىن بىرىنى ناماز ئوقۇيتتى، ئاندىن قالغان ئالتىدىن بىرىدە ئۇخلايتتى. روزىنى بىر كۈن تۇتۇپ، بىر كۈن تۇتمايتتى ۋە دۈشمەنگە ئۇچراشسا قاچمايتتى» دېيىلگەن.

يەنە بىر رىۋايەتتە، ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىر مۇنداق دەيدۇ: دادام مېنى ئېسىل نەسەبلىك بىر ئايالغا ئۆيلەپ قويدى. ئۇ ئۆزىنىڭ كېلىنىنى يوقلاپ تۇراتتى. ئۇ ئايالىمدىن مېنىڭ ئەھۋالىمنى سورىدى. ئايالىم ئۇنىڭغا: ئۇ نېمە دېگەن ياخشى ئەر! بىز كەلگەندىن بۇيان ئۇ بىزنىڭ كۆرپىلىرىمىزنى دەسسەپمۇ قويمىدى ۋە بىزنىڭ پەردىلىرىمىزنى ئېچىپمۇ قويمىدى، دېدى. بۇ ئىش خېلى ئۇزۇن داۋام قىلدى. شۇنىڭ بىلەن دادام بۇ ئەھۋالنى رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ گە دېدى. رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «بالاڭنى مەن بىلەن كۆرۈشتۈرگىن» دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ بىلەن كۆرۈشتۈم. رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: « قانداق روزا تۇتىسەن؟» دېدى. مەن: ھەر كۈنى، دېدىم. رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «قۇرئاننى قانداق تامام قىلىسەن؟» دېدى. مەن: ھەر كېچە، دېدىم. ئابدۈللاھ ئىبنى ئەمىر بۇ سۆزىدىن كېيىن يۇقىرىدىكى سۆزلەنگەن ئەھۋاللارنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىر كېچىدە يەڭگىل بولۇشى ئۈچۈن كۈندۈزى ئەھلىگە قۇرئاننىڭ يەتتىدىن بىرىنى ئوقۇپ بېرەتتى. بەزى ۋاقىتلاردا كۈچلىنىۋېلىشنى مەقسەت قىلىپ، بىر نەچچە كۈن روزا تۇتمايتتى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ ھايات ۋاقتىدا قىلغان ئەمەللىرىدىن بىرەر نەرسىنى تەرك ئېتىشنى ياقتۇرمىغانلىقى ئۈچۈن شۇ روزا تۇتمىغان كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلىۋالاتتى. [بۇ رىۋايەتلەرنىڭ ھەممىسى سەھىھ بولۇپ، زور كۆپ قىسمى سەھىھۇل بۇخارى ۋە سەھىھۇل مۇسلىمدا رىۋايەت قىلغان بولۇپ، ئاز بىر قىسمى باشقا ھەدىس كىتابلىرىدا رىۋايەت قىلىنغان]