1. رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ شۇنداق دېگەن:
«حُبِّبَ إِلَىَّ مِنَ الدُّنْيَا النِّسَاءُ وَالطِّيبُ وَجُعِلَ قُرَّةُ عَيْنِي فِي الصَّلاَةِ»
«ماڭا دۇنيادىن ئاياللار (يەنى ئۆزۈمنىڭ ئاياللىرى) ۋە خۇشپۇراق نەرسىلەر سۆيۈملۈك قىلىندى، كۆزۈمنىڭ خۇرسەنلىكى نامازدا قىلىندى.»
[مۇسنەد ئەھمەد (12294)، سۇنەن نەسائى (3939)، ھەسەن].
2. رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ جۈمە كۈنى توغرىسىدا مۇنداق دېگەن:
«أَيُّهَا النَّاسُ إِذَا كَانَ هَذَا الْيَوْمَ فَاغْتَسِلُوا، وَلْيَمَسَّ أَحَدُكُمْ أَفْضَلَ مَا يَجِدُ مِنْ دُهْنِهِ وَطِيبِهِ»
«ئى ئىنسانلار! بۈ كۈنۈڭلار (يەنى جۈمە كۈنى) بولغاندا غۇسلى قىلىڭلار، سىلەردىن بىرىڭلار ئۆزى تاپقان ياغ ۋە خۇشپۇراقلىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى سۈرتسۇن»
[سۇنەن ئەبۇ داۋۇد (353) ھەسەن].
3. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:
«وَلَا شَمَمْتُ رَائِحَةً أَطْيَبَ مِنْ رِيحِ رَسُولِ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ»
«مەن رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ پۇرىقىدىنمۇ خۇشبۇيراق پۇراقنى پۇراپ باقمىدىم»
[مۇسنەد ئەھمەد (12048)، سەھىھ]
4. ئائىشە ئانىمىز رەزىيەللاھۇ ئەنھا شۇنداق دېگەن:
«كَان يَشْتَدُّ عَلَيْهِ أَنْ يُوجَدَ مِنْهُ الرِّيحُ»
«رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ گە ئۆزىدە (بەتبۇي) پۇراق بولۇپ قېلىش تولىمۇ ئېغىر كېلەتتى»
[سەھىھۇلجامى (4955) سەھىھ]
يۇقىرىقى ھەدىسلەردە ئوپئوچۇق كۆرسىتىلگەندەك، رەسۇلۇللاھ صلى الله عليه وسلم خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ياخشى كۆرەتتى ۋە دائىم ئىشلىتەتتى. بۇنىڭ ئەكسىدە، ئۇ زات ئۆزىدە بەتبۇي پۇراق بولۇپ قېلىشىنى ئېغىر ئالاتتى. شۇڭا، رەسۇلۇللاھ صلى الله عليه وسلم گە ئەگەشكەن مۇسۇلمان ئەرلەرمۇ گۈپۈلدەپ خۇشپۇراق پۇراپ تۇرۇشقا تىرىشىشى كېرەك.
* تەركىبىدە ئىسپىرت بار ئەتىرنى ئىشلىتىشنىڭ دۇرۇس ياكى ئەمەسلىكى توغرىسىدا ئەھلى سۈننەت ئالىملىرى ئارىسىدا ئىختىلاپ بار. شۇڭا ئىسپىرتسىز ئەتىرلەرنى ئىشلىتىش ئەۋزەل.
بۇنىڭدىن سىرت، بۇ جەھەتتە ئاياللارغا چەكلىمە بار بولۇپ، ئاياللار بۇ ئىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك، بۇ ھەقتىكى تەپسىلات ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇلانمىغا مۇراجىئەت قىلىڭ:
