رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ شۇنداق دېگەن:
«خَيْرُ النِّكَاحِ أَيْسَرُهُ»
«نىكاھنىڭ ياخشىسى ئۇنىڭ ئاسان بولغىنىدۇر».
[سەھىھۇل جامى 3300 – ھەدىس].
ئىمام ئىبنى قەييىم ئەلجەۋزىييە رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى شەرھلەپ شۇنداق دېگەن:
«أَيْ أَسْهَلُهُ عَلَى الرَّجُلِ بِتَخْفِيفِ الْمَهْرِ وَغَيْرِهِ»
«يەنى نىكاھنىڭ ياخشىسى مەھر ھەققى ۋە باشقا چىقىملىرى يەڭگىل بولغانلىقتىن، ئەر كىشىگە ئاسان توختىغىنىدۇر».
مەنبە: «عون المعبود وحاشية ابن القيم» (6/ 107).
