دۇنياغا مەشھۇر ئەھلى سۈننەت پەتىۋا تور بېتى بولغان ئىسلام سوئال – جاۋابلىرى تورىدىكى 146692 – نومۇرلۇق پەتىۋادىن «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم رەھىمەھۇللاھتىن شۇنداق دەپ سورالدى: «بىر كىشىنىڭ بىر ماشىنىسى بار بولۇپ، ئۇ ئاشۇ ماشىنىنى بىر شەھەردىن يەنە بىر شەھەرگە ھەيدەپ، شۇ ئارقىلىق ئاللاھ ئاتا قىلغان رىزىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدۇ. ئۇ كىشى ماشىنىسى ئۈچۈن زاكات بېرىشى كېرەكمۇ ياكى شۇ ماشىنا ئارقىلىق تاپقان پۇلغا زاكات بېرىشى كېرەكمۇ؟
شەيخ رەھىمەھۇللاھ شۇنداق جاۋاب بەرگەن:
«ئەگەر بۇ كىشى ئۇ ماشىنىنى (سېتىلىدىغان) تىجارەت مېلى قىلىشنى نىيەت قىلمىغان بولسا، ماشىنىنىڭ ئۆزىگە زاكات كەلمەيدۇ. پەقەت ئۇ ئاشۇ ماشىنا ئارقىلىق قىلغان كىرىم نىسابقا (زاكات بېرىش ۋاجىب بولغان مىقدارغا) يەتسە ۋە شۇ پۇلنىڭ ئۇنىڭ ئىلكىدە تۇرغىنىغا بىر يىل بولغان بولسا، ئاندىن ئۇنىڭ شۇ كىرىم ئۈچۈن زاكات بېرىشى ۋاجىب بولىدۇ».
مەنبە: «فتاوى ورسائل سماحة الشيخ محمد بن إبراهيم» (4/ 105).
پەتىۋانىڭ ئەرەبچىسى:
سئل الشيخ محمد بن إبراهيم رحمه الله : رجل عنده سيارة يترزق الله عليها من بلد إلى بلد ويكتسب من كدها ، فهل تجب فيها الزكاة ، أو في داخلها ؟
فأجاب : ” لا زكاة فيها إذا كان لم ينوها من عروض التجارة ، وإنما الزكاة فيما يتحصل من ريعها إذا بلغ نصاباً ، وحال عليه الحول ” انتهى من “فتاوى ورسائل سماحة الشيخ محمد بن إبراهيم ” (4/ 105) .
