ئەنەس ئىبنى مالىك رضي الله عنه دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر صلى الله عليه وسلم مۇنداق دېگەن: «مۇسىبەت قانچە ئېغىر بولسا، ساۋابمۇ شۇنچە كاتتا بولىدۇ. الله تعالى بىر قەۋمنى ياخشى كۆرسە، ئۇلارنى مۇسىبەت بىلەن سىنايدۇ. كىمكى (ئۇ مۇسىبەتكە سەبىر قىلىپ) رازى بولسا، اللە مۇ ئۇنىڭدىن رازى بولىدۇ. كىم (مۇسىبەتكە) نارازى بولسا، الله تعالى ئۇنىڭغا غەزەپ قىلىدۇ» [ئىمام تىرمىزى توپلىغان، ئۇيغۇرچە «ياخشىلار باغچىسى» 43 – ھەدىس، سەھىھ]
عن أنس بن مالك -رضي الله عنه- عن النبي -صلى الله عليه وسلم- أنه قال: “إن عِظَمَ الجزاءِ مع عِظَمِ البلاءِ، وإن الله -تعالى- إذا أحب قوما ابتلاهم، فمن رَضِيَ فله الرِضا، ومن سَخِطَ فله السُّخْطُ”
