شەيخ مۇھەممەد ئەلجىبالىنىڭ «بەسىرە ئاكادېمىيەسى» تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ تارقىتىلغان «قازا ۋە قەدەرگە ئىمان كەلتۈرۈش» دېگەن كىتابىدىن ئېلىندى.
ئادەتتە، الله ﷻ نىڭ تەقدىرى «قَضَى» ۋە «قدر»دىن ئىبارەت ئىككى ئاتالغۇ ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. بىز بۇ بۆلەكتە، مۇشۇ ئىككى ئۇقۇمنىڭ مەنىسى ۋە مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىمىز.
«قَضَى» ئۇقۇمى
«قَضَى» ۋە ئۇنىڭ تۈرلەنگەن شەكىللىرى قۇرئان كەرىمدە ئاتمىش نەچچە قېتىم زىكىر قىلىنغان. بۇ سۆزنىڭ خىلمۇخىل مەنىلىرى بار بولۇپ، كۆپ ئۇچرايدىغانلىرى تۆۋەندىكىچە:
- «ھۆكۈم، بۇيرۇق، قائىدە – نىزام» مەنىلىرىدە كېلىدۇ. مەسىلەن، الله ﷻ شۇنداق دەيدۇ:
«وَقَضَىٰ رَبُّكَ أَلَّا تَعْبُدُوا إِلَّا إِيَّاهُ وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا»
«رەببىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا – ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى بۇيرۇدى» [سۈرە ئىسرا 23 – ئايەت].
الله ﷻ يەنە شۇنداق دەيدۇ:
«وَمَا كَانَ لِمُؤْمِنٍ وَلَا مُؤْمِنَةٍ إِذَا قَضَى اللَّـهُ وَرَسُولُهُ أَمْرًا أَن يَكُونَ لَهُمُ الْخِيَرَةُ مِنْ أَمْرِهِمْ»
«الله ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغان چاغدا، ئەر – ئايال مۇئمىنلەرنىڭ ئۆز ئىشىدا ئىختىيارلىقى بولمايدۇ» [سۈرە ئەھزاب 36 – ئايەت].
- «خۇلاسىلەش، تاماملاش، ئۆلتۈرۈش، ھالاك قىلىش» مەنىلىرىدە كېلىدۇ. مەسىلەن، الله ﷻ شۇنداق دەيدۇ:
« هَلْ يَنظُرُونَ إِلَّا أَن يَأْتِيَهُمُ اللَّـهُ فِي ظُلَلٍ مِّنَ الْغَمَامِ وَالْمَلَائِكَةُ وَقُضِيَ الْأَمْرُ ۚ وَإِلَى اللَّـهِ تُرْجَعُ الْأُمُورُ»
«ئۇلار (يەنى ئسلامغا كىرىشنى تەرك ئەتكەنلەر) پەقەت الله نىڭ (قىيامەت كۈنى خالايىقنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن) بۇلۇت پارچىلىرى ئىچىدە كېلىشىنى، پەرىشتلەرنىڭ كېلىشىنى ۋە (خالايىقنىڭ ئارىسىدا) ئىشنىڭ پۈتۈشىنى كۈتەمدۇ؟ ھەممە ئىش الله قا قايتۇرۇلىدۇ» [سۈرە بەقەرە 210 – ئايەت].
الله ﷻ يەنە شۇنداق دەيدۇ:
« فَوَكَزَهُ مُوسَىٰ فَقَضَىٰ عَلَيْهِ»
«مۇسا ئۇنى مۇشت بىلەن بىرنى ئۇرۇپ، ئۆلتۈرۈپ قويدى» [سۈرە قەسەس 15 – ئايەت].
- «يارىتىش، بەرپا قىلىش، ياساش» مەنىلىرىدە كېلىدۇ. مەسىلەن، الله ﷻ شۇنداق دەيدۇ:
« فَقَضَاهُنَّ سَبْعَ سَمَاوَاتٍ فِي يَوْمَيْ »
«الله يەتتە ئاسماننى ئىككى كۈندە ياراتتى» [سۈرە فۇسسىلەت 12 – ئايەت].
- الله ﷻ نىڭ ئالدىن بىلىشىگە ماس ھالدا بىرەر ئىشنى قارار قىلىشى ياكى ھۆكۈم چىقىرىشىنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن، الله ﷻ شۇنداق دەيدۇ:
«بَدِيعُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ وَإِذَا قَضَىٰ أَمْرًا فَإِنَّمَا يَقُولُ لَهُ كُن فَيَكُونُ»
«الله ئاسمانلار ۋە زېمىننى يوقتىن بار قىلغۇچىدۇر. بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشنى ئىرادە قىلسا، «ۋۇجۇدقا كەل» دەيدۇ – دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ» [سۈرە بەقەرە 117 – ئايەت].
الله ﷻ يەنە شۇنداق دەيدۇ:
«وَكَانَ أَمْرًا مَّقْضِيًّا»
«بۇ تەقدىر قىلىنىپ بولغان ئىشتۇر» [سۈرە مەريەم 21 – ئايەت].
يۇقىرىقى مەنىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزئارا باغلىنىشلىق بولسىمۇ، ئەڭ ئاخىرقى (تۆتىنچى) مەنىسى بىزنىڭ مۇھاكىمىمىزگە ھەممىدىن بەك مۇناسىۋەتلىكتۇر.
«قدر» ئۇقۇمى
«قدر» ۋە ئۇنىڭ تۈرلەنگەن شەكىللىرى قۇرئان كەرىمدە يۈز نەچچە قېتىم زىكىر قىلىنغان. بۇ سۆزنىڭ خىلمۇخىل مەنىلىرى بار بولۇپ، كۆپ ئۇچرايدىغانلىرى تۆۋەندىكىچە:
- «ئۆلچەم ياكى مىقدار» مەنىلىرىدە كېلىدۇ. مەسىلەن، الله ﷻ شۇنداق دەيدۇ:
«وَإِن مِّن شَيْءٍ إِلَّا عِندَنَا خَزَائِنُهُ وَمَا نُنَزِّلُهُ إِلَّا بِقَدَرٍ مَّعْلُومٍ»
«قانداق نەرسە بولمىسۇن، ئۇنىڭ خەزىنىسى (يەنى خەزىنىنىڭ ئاچقۇچى) بىزنىڭ دەرگاھىمىزدىدۇر، بىز ئۇنى پەقەت مەلۇم مىقداردىلا چۈشۈرىمىز» [سۈرە ھىجىر 21 – ئايەت].
- «قەدىر – قىممەت، ئىززەت – ھۆرمەت» مەنىلىرىدە كېلىدۇ. مەسىلەن، الله ﷻ شۇنداق دەيدۇ:
«وَمَا قَدَرُوا اللَّـهَ حَقَّ قَدْرِهِ»
«ئۇلار الله نى لايىقىدا ئۇلۇغلىمىدى» [سۈرە زۇمەر 67 – ئايەت].
- الله ﷻ نىڭ «القدير» (ھەممىگە قادىر) دېگەن ئىسمىنىڭ نامايەندىسى بولغان كۈچ – قۇدرىتىنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن، الله ﷻ شۇنداق دەيدۇ:
«إِنَّ اللَّـهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ»
«الله ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر» [سۈرە بەقەرە 20 – ئايەت].
ئىمام ئەھمەد رحمه الله بۇ ھەقتە «قەدەر ـــ الله نىڭ قۇدرىتىدۇر» دېگەن [ئىبنى ھانى «ئىمام ئەھمەدتىن سورالغان سوئاللار» 2 – جىلىد 155 – بەت].
- الله ﷻ نىڭ ئالدىن بىلىشىگە ماس ھالدا، بەندىلىرىنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى ئالدىن بېكىتىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن، الله ﷻ شۇنداق دەيدۇ:
«إِنَّا كُلَّ شَيْءٍ خَلَقْنَاهُ بِقَدَرٍ»
«بىز ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى قەدەر (ياكى ئۆلچەم) بىلەن ياراتتۇق» [سۈرە قەمەر 49 – ئايەت].
الله ﷻ يەنە شۇنداق دەيدۇ:
«وَكَانَ أَمْرُ اللَّـهِ قَدَرًا مَّقْدُورًا»
«الله نىڭ ئەمرى ئەزەلدىنلا بېكىپ كەتكەن (ئۆزگەرمەس) ھۆكۈمدۇر» [سۈرە ئەھزاب 38 – ئايەت].
«قەدىر» سۆزى
«قەدىر» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ئادەتتە «قەدەر»نىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدىدىغان بولۇپ[1]، «مىقدار، ھۆكۈم ياكى بۇيرۇق» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن، الله ﷻ شۇنداق دەيدۇ:
«إِنَّا أَنزَلْنَاهُ فِي لَيْلَةِ الْقَدْرِ ﴿١﴾ وَمَا أَدْرَاكَ مَا لَيْلَةُ الْقَدْرِ ﴿٢﴾ لَيْلَةُ الْقَدْرِ خَيْرٌ مِّنْ أَلْفِ شَهْرٍ ﴿٣﴾»
«بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن قەدىر كېچىسىدە نازىل قىلدۇق (1) قەدىر كېچىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ (2) قەدىر كېچىسى (شەرەپ ۋە پەزىلەتتە) مىڭ ئايدىن ئارتۇقتۇر (3)» [سۈرە قەدىر].
«قەدىر كېچىسى» الله ﷻ بىر يىللىق ھۆكۈملەرنى چۈشۈرىدىغان ۋە مەخلۇقاتىغا ئالاقىدار بارلىق نەرسىلەرنىڭ مىقدارىنى بەلگىلەيدىغان كېچىدۇر.
خۇلاسە
بىز يۇقىرىقى مىساللاردىن «قَضَى» ۋە «قدر» ئىبارىلىرىنىڭ ئوخشاش مەنىلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا بىرىنىڭ يەنە بىرىنى تەقەززا قىلىدىغانلىقىنى بىلىۋالدۇق.
«قدر» «قَضَى»نى تەقەززا قىلىدۇ. چۈنكى الله ﷻ نىڭ «قدر»ى (يەنى ئىشلارنى ئالدىن بېكىتىۋېتىشى) ئۇنىڭ «قَضَى»سى (بۇيرۇق قىلىشى ياكى يارىتىشى) بىلەن نەتىجىلىنىدۇ.
شۇنىڭدەك، «قَضَى»مۇ «قدر»نى تەقەززا قىلىدۇ، چۈنكى الله ﷻ دىن بولغان بىر «قَضَى» (ھۆكۈم)نىڭ ئالدىدا چوقۇم ئۇنىڭ «قدر»ى (ئالدىن بېكىتىۋېتىشى) بار بولىدۇ.
«قدر» ۋە «قَضَى» الله ﷻ نىڭ ئالدىن بىلگەن ھالدا ھۆكۈم قىلىشى ۋە ئالدىن بېكىتىۋېتىشىدۇر. بۇ ئىككىسى الله ﷻ نىڭ ئۆز مەخلۇقاتلىرى ئۈستىدىكى ھۆكۈمرانلىقى ۋە كونترولىنىڭ نامايەندىسىدۇر. بۇ الله ﷻ نىڭ قىلغانلىرىدىن سورالمايدىغان رەب ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
[1] «لىسانۇل ئەرەب»كە قاراڭ.
